باش بەت

خەۋەرلەر

4826يوللانما
25مەستانە

«قۇربان تۇلۇم مەخسۇس فوندى» يېزا يەسلىلىرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 17:29 0 ئىنكاس چۈشتى

  لۇ يەن خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 11- كۈنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى ياقا لەڭگەر كەنتى يەسلىسىدىكى بالىلار يېڭى يىلدا ئالاھىدە بىر سوۋغات، يەنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشتە قوللىنىلىدىغان كارتون يۇمشاق ماتېرىيالى بىلەن كىتاب، ئويۇنچۇقلارنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ، جۇڭخۇا بالىلار خەير- ساخاۋەت ۋە پاناھلاندۇرۇش فوندى جەمئىيىتى «قۇربان تۇلۇم مەخسۇس فوندى» بىلەن شاڭخەي تاۋتۇ كارتون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان «قىشتىكى ئىللىق قۇياش ــــ خوتەنگە مېھىر- مۇھەببەت يەتكۈزۈش» جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى بولۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»تىكى قويۇق دوستلۇقنى نامايان قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىدە كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى، چىرا ناھىيەسىنىڭ چاقا يېزىسى، گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ بازىرىدىن ئىبارەت ئۈچ يېزا- بازاردىكى يەسلىلەرگە ئومۇمىي قىممىتى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان، بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىدىغان كارتون دەرسلىك بايلىقى ۋە ئۆگىنىش بۇيۇمى ئىئانە قىلىپ، خوتەندىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، «قۇربان تۇلۇم مەخسۇس فوندى»نىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىنى ئۆستۈرىدىكەن.

  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گۇ يىڭسۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازغانلىقىغا بىر يىل بولغان، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە 60 يىل بولغان پەيتتە، بۇ قېتىمقى جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدىكى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، قۇربان تۇلۇم روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان يەنە بىر قېتىملىق ئەمەلىي ھەرىكەت. ھازىر «قۇربان تۇلۇم مەخسۇس فوندى» شىنجاڭدىن چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، خۇددى بىر پارچە چوغدەك قۇربان تۇلۇم روھىنى ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا تارقىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندى.

  ياقا لەڭگەر كەنتى يەسلىسىدىكى ئالتە ياشلىق شەمشىنۇر مەتقاسىم مۇنداق دېدى: ئانام ماڭا قۇربان تۇلۇم بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى، مەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، بېيجىڭغا بېرىپ، تيەنئەنمېننى كۆرىمەن.

  جۇڭخۇا بالىلار خەير- ساخاۋەت ۋە پاناھلاندۇرۇش فوندى جەمئىيىتى «قۇربان تۇلۇم مەخسۇس فوندى»نىڭ مۇدىرى، قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى مەتسەيدى ئەيسا مۇنداق دېدى: «قۇربان تۇلۇم مەخسۇس فوندى» ھازىرغىچە باشقىلارغا 270 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى، بۇ يىل بۇ فوند شىنجاڭدا باشقىلارغا ياردەم قىلغاندىن سىرت يەنە يەنئەن، شاۋشەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشانغان ئىگە- چاقىسىز كىشىلەرگە ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چاچىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/01/14/035072275.shtml



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号