باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

900يوللانما
16مەستانە

ياپونىيە تۈرمىلىرىدە قېرىلىشىش ئېغىرلاپ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار مەھبۇسلار كۆپەيدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 19:53 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ياپونىيە «يۇمىئورى خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە قانۇن ئىشلىرى ۋازارىتى 14-يانۋار مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان: بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ 8 تۈرمىسىدىكى 60 ياشتىن ئاشقان مەھبۇسلار دېۋەڭلىك تەكشۈرۈشى قىلىنىدۇ. سەۋەبى ياپونىيەدىكى مەھبۇسلارنىڭ قېرىلىشىش ھادىسىسى كۈنسېرى ئېغىرلاپ كوچا-كويلاردا ھەتتا «تۈرمە ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئايلاندى» دېگەن سۆزلەر تارقالغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە قانۇن ئىشلىرى ۋازارىتى 2015-يىلى 60 ياشتىن ئاشقان مەھبۇسلارنى تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن %13 مەھبۇسنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى مەلۇم بولغان، شۇڭا قانۇن ئىشلىرى ۋازارىتى تۈرمە ساقچىلىرىغا قارىتا دېۋەڭلىك كېسىلىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئائىت تەربىيلەشنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان. بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپ توكيو، ئوساكا، ناگويا، فۇكۇئوكا قاتارلىق سەككىز رايوندىكى تۈرمىلەردە 60 ياشتىن ئاشقان مەھبۇسلار تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن، تۈرمە ساقچىسى ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ھېسابلاش ئىقتىدارىنى ئاددىي تەكشۈرىدۇ، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى بار مەھبۇسلارنى دوختۇرلار تەكشۈرىدۇ.

ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بار دەپ دىياگنوز قويۇلغان مەھبۇسلارغا قارىتا، قانۇن ئىشلىرى ۋازارىتى ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى قىسقارتىش ياكى بىر قەدەر يېنىك خىزمەت تۈرلىرىگە يۆتكەشنى قارار قىلغان. ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ، تۈرمە تەرەپمۇ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرى ۋە داۋالاش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلار ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدىگەن. قانۇن ئىشلىرى ۋازارىتىدىكى ئالاقىدار زات مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «تۈرمىدە بىرلا خىل ئەمگەك بىرقەدەر كۆپ، يېنىك ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە ئاسانلا سەل قارىلىدۇ، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىش ھادىسىسىنى تۆۋەنلىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号