باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

خۇبېيلىق بىر ئائىلە كىشىلىرى بالىسىنى قالقان قىلىپ سۈت پاراشوكى ئوغرىلاپ ساتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 17:53 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا خاڭجۇدىكى بىر نەچچە تاللا بازىرىدىكى سۈت پاراشوكلىرى ئوغرىلاندى. ساقچىلار مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوغرىلىق قىلغۇچىلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

ساقچىلار تۇتۇۋالغان ئۈچ ئەر، بىر ئايال دەل سۈت پاراشوكى ئوغرىلىغانلار ئىدى. دېلو يۈز بەرگەن كۈنى ئۇلار ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ خاڭجۇ جيەنچياۋدىكى ئىككى تاللا بازىرىغا كەلدى. كۆزەتكۈدىن ئۈچ ئايالنىڭ سومكا ئېسىۋالغانلىقى، تاللا بازىرىغا كىرىپلا سۈت پاراشوكى ئىزدىگەنلىكى، ئاخىرىدا بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، قوغداش ئارقىلىق ئوغرىلىق قىلغاندىن كېيىن تېزلىكتە چىقىپ كەتكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ساقچىلار كۆزەتكۈنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى بىر مېھمانخانىدىن قولغا چۈشۈردى ھەم ئوغرىلاپ كەلگەن 14 قۇتا سۈت پاراشوكىنىمۇ تاپتى.

ساقچىلار بۇ ئوغرىلىق شايكىسىدىكىلەرنىڭ خۇبېيلىق ئىكەنلىكى، موما بىلەن ئانا كىچىك بالىنى قالقان قىلىپ ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى. يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاڭجۇ شياۋشەن، بىنجياڭ قاتارلىق جايلاردىمۇ دېلو سادىر قىلغانلىقى، ئوغرىلىغان سۈت پاراشوكلىرىنى بىۋاستە يۇرتى خۇبېيغا ئەۋەتىۋەتكەنلىكى، يۇرتىدا ساتىدىغان مەخسۇس بىر ئادەم بارلىقى بايقالدى.

نۆۋەتتە ئالتە جىنايەت گۇماندارىغا جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى، ئىككى بالىنى بىر تۇغقىنى قايتۇرۇپ كەتتى، يەنە بىرىنى ۋاقتىنچە ئېلىپ كېتىدىغان ئادەم چىقماي پاراۋانلىق ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号