باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

ئەلى چىقىمدانى قاتارلىقلار ئابۇنتلار مەخپىيەتلىك مەسىلىسى سەۋەبلىك سۆھبەتكە چاقىرتىلدى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 18:53 0 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا يانفون يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئابۇنتلار شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلسىى توردا شىددەت بىلەن تارقالدى، بۇنىڭغا قارىتا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بېيجىڭ بەيدۇ تور خەۋەرلىرى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلە گۇرۇھى شىركىتى (ئەلى چىقىمدانى)، بېيجىڭ بىت سەكرىتىش پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى (بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر)نى سۆھبەتكە چاقىردى. 

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «تور بىخەتەرلىك قانۇنى»، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تور ئۇچۇرلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى قارارى»، «تېلېگراف ۋە ئىنتېرنېت ئابۇنتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قوغداش بەلگىلىمىسى» (سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ 24-نومۇرلۇق بۇيرۇقى)دىك ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۈچ كارخانىدا بىردەك ئابۇنتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ ئىشلىتىش قائىدىسى، ئىشلىتىش مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار ساقلانغان بولۇپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇ ئۈچ كارخانىدىن ئابۇنتلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئۆزىنى تەرتىپكە سېلىشنى تەلەپ قىلدى. 

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرى ئۈچ كارخانا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، ئىچكى قىسىمدا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەر ۋە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئابۇنتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاپ ئىشلىتىش قىلمىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئالاقىدار بىخەتەرلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېخنىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا نۆۋەتتە يۇقىرىقى ئۈچ شىركەتنىڭ ئابۇنتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاش قىلمىشىنى ئەيىبلەشكە يېتەرلىك پاكىت كەمچىل ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号