باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

پەرزەنتلىك بولالمايدۇ دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئەر قوشكېزەككە دادا بولدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 19:40 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دانېللې روگېرسون بىلەن يولدىشى جوئې سىمىس قوشكېزەك بالىسى تېددىي بىلەن روننىنى ئېگىز كۆتۈردى. بۇ ئىككىلىسىلا ئوغۇل بوۋاق بولۇپ، ئىنتايىن ساغلام تۇغۇلغان. بىراق نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن بۇرۇن جوئېنىڭ پەرزەنتلىك بولالمايدۇ، دېگەن، دىياگنوزنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال 2014-يىل تونۇشۇپ، 2016-يىلى بەختلىك ئائىلە قۇرغان. ئىككەيلەن ئىزچىل بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، بىراق ئوڭۇشلۇق بولمىغان. دانېللې: «بىز دوختۇرغا كۆرۈنگىنىمىزدە، دوختۇر ئالدى بىلەن جوئېنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى»، دېدى.

2001-يىل ئۆكتەبىردە، ئىككەيلەن پىروبىركىدا بوۋاق يېتىلدۈرۈشنى سىناپ، 2017-يىل مارت ئېيىدا دانېللې ئوڭۇشلۇق ھالدا ھامىلدار بولدى. ئۇ: «شۇ كۈنى سەھەر سائەت بەشتە بىز تەكشۈرتكىلى بارغاندا تولىمۇ ھاياجانلاندۇق، چۈنكى مەن قوشكېزەكلەرگە ھامىلدار بولغانىدىم»، دېدى.

بىراق ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، ھامىلدار مەزگىلدە ھامىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى باشقا نورمال بالىلارنىڭكىدىن ئالاھىدە كىچىك بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككەيلەن جىددىيلىشىپ كەتتى. ھامىلە 16 ھەپتىلىك بولغاندا، ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. 20 ھەپتىلىك بولغاندا، دوختۇر ئۇلارغا چوقۇم بىر قارارغا كېلىشىنى ئېيتتى. دانېللې: «ئەگەر ھېچنېمە قىلمىساق، ئىككىلا بالىمىزدىن ئايرىلىپ قالاتتۇق، ئەگەر نۇر بىلەن داۋالىساق، بىر بالىمىزدىن ياكى ئىككىلىسىدىنلا ئايرىلىپ قالاتتۇق»، دېدى.

ئىككەيلەنگە نىسبەتەن، بۇ ئىنتايىن ئازابلىق بىر قارار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا نۇر بىلەن داۋالاشنى تاللاپ، بۇ ئائىلىگە ئۈمىد ئاتا قىلدى. ھامىلە 29 ھەپتىلىك بولغاندا، داننېللې ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، تېددىينىڭ تۇغۇلۇشىدا خەتەر بىر قەدەر كىچىك بولسىمۇ، بىراق روننىنىڭ ئەھۋالى بەكلا خەتەرلىك ئىدى.

بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن  داۋالاندى. ئالتە ھەپتىدىن كېيىن تېددىي ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئارقىدىن روننىمۇ ناھايىتى تېزلا  ئىللىق ئائىلىسىگە قايتىپ كەلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بايشەم3 ئاي ئىلگىرى

    بالېڭېزنې گېننې تەكشۇرتۇپ ئاندېن بېقېڭ كېيېن مېھرېڭېز چۇشۇپ قالغاندا ئانېسېغا تاشلاپ بەمەي چوقوم سېزگە بېرسې ياردەم قېلغان ئوخشايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号