باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

ياپونىيەنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى بوي ئېگىزلىكىنى خاتا ئۆلچەپ قويۇپ كەچۈرۈم سورىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 18:57 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورىنىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى نورىشىگې كانائى (Norishige Kanai) يېقىندا توردا يازما يوللاپ، يېقىندا خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا ئۈچ ھەپتە تۇرۇش جەريانىدا بوي ئېگىزلىكىنىڭ توققۇز سانتىمېتىر ئۆسكەنلىكىنى تورغا خاتا يوللاپ قويغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بوي ئېگىزلىكىنى خاتا ئۆلچەپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ تورداشلاردىن ئەپۇ سورىغان.

كانائى بۇ خاتالىقنى «ئۆلچەش خاتالىقى» دېدى ھەمدە خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا ئېغىرلىق يوقاتقان ئەھۋالدا ئەمەلىيەتتە ئاران 0.8 مىل (ئىككى سانتىمېتىر) ئۆسكەنلىكىنى ئېيتتى. 

خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا ئالتە ئاي خىزمەت قىلىدىغان كانائى مۇنداق دېدى: «بۇنداق يالغان خەۋەرنى يوللاپ قويغىنىدىمدىن بەكلا خىجىلمەن.»

كۆپ قىسىم ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا ئۇزۇن ۋاقىت ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا «بويى ئېگىزلەپ قالىدۇ»، ئەمما ئوتتۇرىچە ئېگىزلەش مىقدارى 0.8دىن 2.0 مىلغىچە (ئىككى سانتىېمتىردىن بەش سانتىمېتىرغىچە) بولىدۇ. 

بۇنىڭ سەۋەبى ئېغىرلىق يوقاتقان ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئۇزىرايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئېشىش مىقدارى ئادەتتە نەچچە سانتىمېتىر ئىچىدە بولىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەن ھامان بوي ئېگىزلىكى ئېگىزلەپ كېتىش ئەھۋالى يوقايدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 微笑的死神1 ھەپتە ئىلگىرى

    خېخې قىززىق گەپ قىلكەنسىلە ، قانداشلىق مۇناسۋتىڭلا بامىتى يا تىللاپ قاخشاپلا كىتىپسىلەغۇ ، ھەت مازچىلىق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号