باش بەت

ئوغلان0996

3119يوللانما
39مەستانە

ھەر يىلدىكى بۇ ئۈچ ئايدا يۈرەك ئەڭ ئاجىز ھالەتتە تۇرىدۇ

مەنبە:نۇر تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 18:21 3 ئىنكاس چۈشتى

ئامېرىكىنىڭ «ئالدىنى ئېلىش» ژۇرنىلىنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى، مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتى يۈرەك پەنلىرى مۇتەخەسسىسى گېئوستىن ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق كىلىنىكىلىق تەجرىبىسى ۋە كۆپ خىل خەلئقارالىق تەتقىقاتىغا ئاساسەن، يۈرەك ئەڭ ئاجىز ھالەتتە تۇرىدىغان ئالتە باسقۇچنى يەكۈنلەپ چىققان. ئۇلار:

تاماقنى زىيادە تويۇپ يېگەندىن كېيىن؛

كۈچەپ تەرەت قىلغان ۋاقتىدا؛

 قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا؛

 بېسىم چوڭ بولۇپ، روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە؛

 ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6دىن 12گىچە؛

ھەر يىلى 11-ئايدىن كېيىنكى يىلنىڭ 3-ئايغىچە.

يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە ھەر يىلى 11-ئايدىن كېيىنكى يىلنىڭ 3-ئېيىغىچە بولغان مەزگىل يۈرەككە نىسبەتەن خەتىرى چوڭ مەزگىل، قىش پەسلى يۈرەك كېسىلى ئاسان قوزغىلىشنىڭ يۇقىرى دولقۇن مەزگىلى بولۇپ، تېمپېراتۇرا ھەر قېتىم 10گىرادۇستىن تۆۋەنلەپ ماڭغان ۋاقتىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش نىسبىتى ئاشىدىكەن. ئۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى قىش پەسلىدە كىشىلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، دائىم جىددىي ھالەتتە تۇرغاچقا، يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئىچى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بەك چوڭ بولغانلىقتىن، قان تومۇرلار سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشى بىلەن ئاسانلا تۇيۇقسىز تارىيىپ، قان بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قېلىش ياكى قان تومۇرلار توسۇلۇپ قېلىشنى پەيدا قىلىپ، يۈرەك تىقىلمىسى ياكى مېڭە سەكتىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەھليا3 ئاي ئىلگىرى

    رەھمەت ماڭائوخشاش يۇرەك كىسەل بىمارلىرى پايدىلانساق بولغىدەك

  • qiman tag3 ئاي ئىلگىرى

    قالقانبەز ياخشى بولمىغاندا قانداق ئىنكاسلا بولىدۇ ؟ئۇنىڭ داۋالىنىش ئادىنى ئىلىش تەدبىرلىرى قايسىلا ؟

  • قايدا سەن3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇزۇن مۇددەت چىش ئاغرىقى تارتقان ئادەمنىڭمۇ يۈرىكى ئاجىزلاپ كىتىشى مۇمكىن،،،،،، يۈرەك ئاغرىقىغا كەلسەك مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بىرسىنى قاتتىق ياخشى كۈرۈپ ۋاز كىچەي دەپمۇ كىچەلمىگەندە يۈرەك ناھايىتى قاتتىق ئاغرىيدۇ،،، ھازىرمۇ يۈرۈگۈم ئاغرىۋاتقاندەك قىلىدۇ،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号