باش بەت

ئوغلان0996

3119يوللانما
39مەستانە

ئۇيقۇسىزلىق جىگەرنىڭ چارچاپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن

مەنبە:نۇر تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 19:32 0 ئىنكاس چۈشتى

قىش پەسلىدە نۇرغۇن ئادەم ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭدا قىش پەسلىنىڭ ھاۋاسىغا ماسلىشالمىغانلىق سەۋەبىدىن باشقا، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشمۇ ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۈندۈزى زىيادە چارچاش:

چارچاش بىئولوگىيەلىك سائەتنىڭ قالايمىقانلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا پۈتۈن كېچە ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايدىغان ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇنداق بولىۋەرسە جىگەر كېسىلى بارلارنىڭ جىگەر ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 دائىم ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش:

كەچ سائەت 11 دىن سەھەر سائەت 3 كىچە بولغان ۋاقىت قان سۇيۇقلۇقى جىگەرگە قايتىدىغان، يەنى جىگەرنىڭ ئەڭ ياخشى دەم ئالغان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈندىدار ئويناپ، خەۋەرلەرنى ئۇزۇن ۋاقىت كۆرىدۇ، شۇڭا بىر ئىككى يىلغا بارمايلا كۆزىنى كاردىن چىقىرىۋالىدۇ. دائىم كەچ سائەت 11دىن كېيىن ئۇخلىماي، ئۈندىدار ئوينىغاندا جىگەر ئىقتىدارىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ-دە، ياخشى ئۇخلىغىلى بولمايدۇ.

ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش:

ھاراق جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەندۈرىدۇ، ھەتتا جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، جىگەر ياخشى بولمىغاندىن كېيىن ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولماسلىقى مۇقەررەر.

بەك كۆپ تاماق يېيىش:

ھازىر يېمەك-ئىچمەكتىن پەرھىز تۇتۇش مودىغا ئايلاندى، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش كېرەك، ئاچ قورساق ئۇخلىغاندىمۇ جىگەرگە قان يېتىشمەي، روھىي ھالىتىمۇ پاسسىپ ھالەتتە تۇرغاچقا، ياخشى ئۇخلىغىلى بولمايدۇ.

بەك ياغلىق تاماقلارنى يېيىش:

قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئادەم ئورگانىزىمى مۇئەييەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش ئۈچۈن، بەدەندىكى شېكەر، ياغ ۋە ئاقسىلنىڭ ئاجرىتىلىشىنى كۆپەيتىپ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئېنىرگىيەگە ئېرىشىدۇ. لېكىن زىيادە كۆپ ياغ جىگەر مەنبەلىك بىرىكىشكە توسالغۇ بولۇپ، جىگەر ئىقتىدارىنى چېكىندۈرىدۇ.

دائىم ئىچى تىتىلداش:

ھاۋا سوۋۇغاندا جىگەر ھارارىتى تۈپەيلىدىن ئىچى تىتىلدايدىغان بولۇپ قالىدۇ، يېنىك بولسا ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئېغىر بولسا روھىي جەھەتتىكى نورمالسىزلىق، يۇقىرى قان بېسىمى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، جىگەرنى زەخمىلەندۈرۈپ، جىگەر كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号