باش بەت

ئوغلان0996

3097يوللانما
31مەستانە

چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىغان يەتتە چوڭ سەۋەب

مەنبە:نۇر تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 19:02 2 ئىنكاس چۈشتى

ناچار چاچ بوياش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش:

سۈپەتسىز چاچ بوياش ۋە چاچ ئاسراش بۇيۇملىرى ئاسانلا چاچلارنى زەئىپلەشتۈرۈپ چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.

چاچنىڭ بەك چىڭ تارتىلىپ تۇرۇشى:

چاچنىڭ بەك چىڭ تارتىلىپ تۇرۇشى چاچ يىلتىزىنىڭ زەخىملىنىشى، چاچلارنىڭ يېرىلىش ياكى چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل سەۋەبتىن پەيدا بولغان چاچ چۈشۈش ئاساسلىقى چېكە ئەتراپى ۋە باشنىڭ ئىككى تەرىپىدىن كۆرۈلىدۇ.

كېلىماكتىرىيە دەۋرى:

ھەيز كېسىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللارنىڭ ئاياللىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىدۇ، پىسخىكىلىق بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ.

ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەللىكلىرى:

ئاق كېسەل ۋە قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى دائىرىلىك چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەر ئايال ۋە قېرى ياشلارنىڭ ھەممىسىدىلا  يۈز بېرىشى مۇمكىن.

تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش:

ئورۇقلاش سۈرئىتىنىڭ بەك تېز بولۇشىمۇ چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ، ئادەتتە بۇ خىل چاچ چۈشۈشنى ئوڭشىۋالغىلى بولىدۇ، بىراق ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىق ئوزۇقلىنىش قالايمىقانلىشتىن پەيدا بولغان چاچ چۈشۈشتىن ھوشيار بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ خىل ئەھۋالدا بەدەن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە ۋىتامىنلارغا ئېرىشەلمەيدۇ، چاچ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

قالقانبەز كېسەللىكى:

قالقانبەز ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقى چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىغان دائىملىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەيلى قالقانبەز خىزمىتى ئېشىپ كېتىش بولسۇن ياكى قالقانبەز خىزمىتى ئاجىزلاش بولسۇن، ھەممىسىلا كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا چوقۇم ئالدى بىلەن كېسەللىكنى داۋالىتىش كېرەك.

پىسخىكىلىق زەربە ياكى بېسىمنىڭ ئارتىپ كېتىشى:

پىسخىكىلىق زەربە ياكى بېسىمنىڭ ئارتىپ كېتىشىمۇ چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرسە، ئادەتتە يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق چاچلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قار گۈلى1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭ چېچىممۇ بەك چۇشۇدۇ سەۋەبىنى بىلسەم ئەسلى بەك تاتىلىپ بۇغۇلغاندىنكەن ئەمەسمۇ

  • ئەزىز1 ھەپتە ئىلگىرى

    قالقانبەز قالايمىقانلاشسا قاندا ئەھۋال بولىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号