باش بەت

ئوغلان0996

3097يوللانما
31مەستانە

سامساقنى زادى قانداق ئىستېمال قىلىش كېرەك؟

مەنبە:نۇر تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 19:50 0 ئىنكاس چۈشتى

سامساق تەركىبىدىكى سامساق ماددىسىنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش ، دېزىنفېكسىيە قىلىش، قان يېغىنى تۆۋەنلىتىش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈمى كۆپ تەرەپلىمە تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، لېكىن سامساقنى زىيادە كۆپ ئېستىمال قىلغاندا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەر كۈنى سامساقنى بولۇشىچە ئىستېمال قىلىپ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يېتىش ئادىتىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

سامساق راستتىنلا قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىپ راكنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟

ئالالايدۇ! ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مېدىتسىناسىدا سامساق يەل ھەيدەش، تال ۋە ئاشقازاننى ئىسسىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، مىكروب ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، سامساق تەركىبىدە ئادەتتىكى كۆكتاتلاردا بار بولغان مېنېرال ماددىلار، ۋىتامىن ۋە تالا بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر خىل ئالاھىدە ساغلاملىق تەركىبى-سامساق ماددىسى بار ئىكەن، بەزى تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، سامساق ماددىسى مىكروب، ئۆلتۈرۈش، دېزىنفېكسىيەلەش، قاندىكى ياغنى چۈشۈرۈش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئېلىپ بېرىلغان بەزى تەجرىبىلەردىن بايقىلىشچە، سامساق ماددىسى تەجرىبە قىلىنغان قاندىكى ياغ يۇقىرى بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان چاشقاننىڭ ئومۇمىي خولېستېرىن، گلىتسېرىن ۋە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى بىردەك چۈشۈرگەن. تەتقىقاتتىن يەنە سامساقنىڭ مىكروبقا قارشى تۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرۇش، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە دورىلىق رولى بارلىقى بايقالغان. دېمىسىمۇ، سامساقنىڭ بۇنداق رولى ھەقىقەتەن مەۋجۇت.

ئادەتتىكى كۈنلەردە سامساق ئىستىمال قىلىپ بەرسە شۇنداق ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولامدۇ؟

بولمايدۇ! سامساق تەركىبىدىكى سامساق ماددىسىنىڭ مىقدارى ئاز بولۇپ كۆپلەپ ئىستېمال قىلغاندا مۇئەييەن دەرىجىدە راكقا قارشى تۇرۇش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكتىن مۇداپىئە كۆرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. لېكىن سامساق ماددىسى ۋە ئۈچەي ، ئاشقازاننى غىدىقلايدىغان بولغاچقا، ئادەتتە كىشىلەر كۆپ مىقداردىكى سامساقنى ئىستىمال قىلالمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ رولى ئۇنچىۋالا روشەن بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، سامساق ماددىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ-دە، سامساق ماددىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش رولى تولۇق جارى قىلالمايدۇ.

سامساقنى قانداق ئىستېمال قىلغاندا سالامەتلىكنى ئاسراش رولى بولىدۇ؟

سامساق ئىسسىققا چىدىمايدۇ، پىشىپ چىققاندىن كېيىن ئوزۇقلۇق تەركىبى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سامساق ماددىسى سامساقنىڭ تەبىئىي تەركىبى بولماستىن، سامساق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئوكسىدلىنىپ ھاسىل بولىدۇ، شۇڭا، سامساق ئىستىمال قىلىشتىن بۇرۇن سامساقنى ئېزىپ ياكى پارچىلاپ توغراپ ھاۋادا ئون مىنۇتچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئاندىن پەيدا بولىدۇ.

سامساقنى كۆپ ئېستىمال قىلغاندا، جىگەر ۋە كۆزى زەخمىلەندۈرۈپ، قورساقنى كۆپتۈرۈۋېتىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، سامساق يېيىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن سامساقنى قانچە كۆپ يېسە ، شۇنچە ياخشى بولمايدۇ، سامساقنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا جىگەر ۋە كۆزنى زەخمىلەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە سامساق ئۈچەي ، ئاشقازاننى غىدىقلاپ، ئاسانلا يەل پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئۈچەي، ئاشقازان ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەر سامساقنى ئاز يېيىشى ياكى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى لازىم. مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇكى، سامساق پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز كېرەك، ئادەتتىكى بىر خىل كۆكتات، يالغۇز سامساقنى ئىستىمال قىلىپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقان يىغىنى تۆۋەنلىتىش ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号