باش بەت

zevmret

903يوللانما
36مەستانە

ئانچە گۈزەل ھېسابلانمايدىغان تايلاندلىق قىز كۈتمىگەن يەردىن تور چولپىنىغا ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 20:30 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، بىر قىزنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغاندىكى ۋىدىئوسى تايلاندنىڭ تورلىرىدا شىددەت بىلەن كەڭ تارقىلىپ، ئازغىنە بىر نەچچە كۈندىلا توردىكىى چېكىلىش قېتىم سانى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

ۋىدىيودىكى قىز گەرچە پەۋقۇلئاددە گۈزەل سانالمىسىمۇ لېكىن تەبىئىي يېقىملىق بولۇپ، ناھايىتى تېزلا مىليونلاپ ئەگەشكۈچىلەرگە ئېرىشتى. بۇ ۋىدىيو بىر كېچىدىلا توردا مەشھۇر بولۇپ كەتتى، شۇ يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىپ، تاراتقۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ قىز ھەققىدە خەۋەر قىلىشقا باشلىدى.

نۇرغۇن تورداشلار ئىنكاس قىلىش رايونىغا توپلاندى ۋە بۇ قىزنىڭ ۋىدىيودىكى ئۇسسۇلىنى جەلپكار شۇنداقلا چاكىنىلىقتىن خالىي دەپ تەرىپلىشىپ، گويا ئۆزلىرىنى «مۇھەببەت قاينىمىغا چۆمگەن»دەك ھېس قىلىشتى.

بەزى ئەر تورداشلار بۇ قىزنىڭ Facebookدىكى باش بېتىنى ھەمبەھرلەپ، يەنىمۇ كۆپ ئەگەشكۈچىلەرنى جەملىدى.

بۇ قىزنىڭ تۇرمۇشتىكى سۈرەتلىرى.

بىر قىسىم تايلاندلىق ئەر تورداشلار بۇ قىزنى ئوماق ۋە ياسالما ئەمەس، دەپ تەرىپلەشتى شۇنداقلا ئۇسسۇل كېچىلىكىدە ھەمراھ قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ياخشى نامزات دەپ قاراشتى.

(يۇقارقى مەزمۇنلار تەرجىمە قىلىندى، تور بېتىمىزنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ)

كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مىھىرلىك سۆيگۈ3 ئاي ئىلگىرى

    كىيىمى ياراپ قالدى ماڭا ، ھې ھې ھې

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号