باش بەت

نۇسرەتگۈل

10535يوللانما
188مەستانە

دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ بۇ توققۇز مەنزىرىلىك جاي يوقاپ كېتىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 20:05 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىلىمات ئالىملىرى سۇ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ توققۇز مەنزىرىنىڭ مەڭگۈ غايىب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نېسېبۇر قەدىمىي شەھىرىنىڭ 3000 نەچچە يىللىق تارىخى بار بولۇپ، قارا دېڭىزنىڭ تاش قاپلىغان يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. ئىلگىرى بۇ جاي گىرېتسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇھىم قورغانلىرىدىن بىرى بولغان.

بۇ ۋېنتسىيەدىكى لاگۇنا، ئادرىئاتىك دېڭىزى بويىغا جايلاشقان، ئىتالىيە بويىچە ئەڭ چوڭ تۇزلۇق كۆل. تەتقىقاتلار ۋېنتسىيەنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يىلىغا ئىككى مىللىمېتىر تۆۋەنلەۋاتقانلىقى، دېڭىز يۈزى ئىككى مىللىمېتىر يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە، بۇ جايدا كەلكۈندىن مۇداپىيەلىنىش توسمىسى ياسىلىۋاتىدۇ.

موزامبېك ئارىلى موزامبېكنىڭ شىمالىدىكى نامپۇلا ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، دېڭىز ساھىلى ناھايىتى گۈزەل. داڭلىق موزامبېك شەھىرى موزامبېك ئارىلىدا بولۇپ، تارىختا پورتۇگالىيەلىكلەر ھىندىستانغا بارغاندا ئۆتىدىغان سودا پورتى بولغان.

لوندون مۇنارى ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئوردا، شۇنداقلا قورغان بولۇپ، ئىلگىرى ئىستىھكام، قورال-ياراغ ئامبىرى، دۆلەت غەزىنىسى، پۇل قۇيۇش زاۋۇتى، ئوردا، ئاسترونومىيە سۇپىسى، پاناھلىنىش ئورنى ۋە تۈرمە قىلىنغان.

لېخارۋ نورماندىدىكى ئىنگلىز بوغۇزىغا جايلاشقان بولۇپ، فىرانسىيە پادىشاھى فىرەنكوئىس 1 دەۋرىدە 16-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىكى فىرانسىيە بويىچە ئەڭ چوڭ پورتنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇلغان.

بىرۇگېس تارىخى مەركىزى لىۋىيە بىرۇگېسقا جايلاشقان بولۇپ، تىپىك ئوتتۇرا ئەسىر قەدىمىي شەھىرى.

قەدىمىي ھاۋانا باروك ئۇسلۇبى ۋە يېڭى كىلاسسىزىملىق قۇرۇلۇشلارنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلىدۇ. ھاۋانىڭ بەزى جايلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئارانلا ئىككى مېتىر كېلىدۇ.

2012-يىلى قارا بوران ساندىي نيۇيوركقا ھۇجۇم قىلغان. بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ جايدا ئايال ئىلاھنىڭ ھەيكىلى ۋە ئۇنىڭ ئۇلىلا قالغان.

باخائى پەلەمپىيى ئىسرائىلىيەنىڭ كارمېل تېغىغا جايلاشقان.

سىدنېي تىياتىرخانىسىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۆجىزىلەرنىڭ بىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ تىياتىرخانىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى بۆلەكلىرى نۆۋەتتە كىلىمات ئۆزگىرىش تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3.5 مېتىر.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号