باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
156مەستانە

ياپونىيەدە بىر ئەر ئەرلەر مۇنچىسىنى مەينەتكەن دەپ ئاياللار مۇنچىسىغا كىردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-15 20:46 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە «ئاساخى ئاخباراتى»نىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ياپونىيەنىڭ ساپپورو شەھىرىدىكى بىر 50 ياشلىق ئەر ئايالچە ياسىنىپ ئاياللار مۇنچىسىغا كىرىۋالغان. ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن ئۇ ئەر «ئەرلەر مۇنچىسىنىڭ مەينەتلىكىدىن» مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىسمى تېراموتو ياسۇخىرو بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 1.70 مېتىر، ئېغىرلىقى 90 كىلوگرام كېلىدىكەن. ئۇ ئاياللار مۇنچىسىغا كىرىشتىن ئىلگىرى «تولۇق تەييارلىق قىلغان»لىقتىن ھېچكىم بايقىماي 50 نەچچە مىنۇت چىلىنىپ تۇرغان.

ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىكى بىنورماللىق بىر ئايال خېرىدارنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقتىن قولغا چۈشۈپ قالغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ ئەر ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ «مەن دېگەن ئايال» دەپ تۇرۇۋالغان، خاتالىقىنى بوينىغا ئالغىلى ئۇنىمىغان.

ئۇ ئەرلەر مۇنچىسى بەكلا مەينەت، ئاياللار مۇنچىسى پاكىزە بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، كېيىن ئىقرارىدىن يېنىۋېلىپ ئاياللار مۇنچىسىغا باشقا مەقسەتتە كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • نىنونىنونى1 ئاي ئىلگىرى

    50 مىنۇت چىلىنىپ تۇغانكىن چىقىپ كەتمەي

  • ئامىدىيۇ1 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋازىدىن تونىمىدىكىنا يېنىدىكى خوتۇن

  • قۇياش1 ئاي ئىلگىرى

    ئەرلەر بەدلىقىق قىلسا ئاياللارنى چىشلەپ تارتقىنىڭىز قىززىق!

  • яшлық1 ئاي ئىلگىرى

    شەرەپسىز ، قىلغان قىلىقىنى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرۈپ ، قۇسقان چىراي ئىپادىسى

  • Jan...1 ئاي ئىلگىرى

    شۇ ئىنىقلا باشقا مەقسەتتە كىرگەن گەپ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号