باش بەت

جۈرئەت 358

364يوللانما
7مەستانە

ياپونىيە پويىزلىرىنىڭ ياڭراتقۇسىغا ئىتنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى ئورنىتىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-18 21:34 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە تۆمۈر يول تارماقلىرى يېقىندا ھەر قايسى تاغلىق رايونلاردىن ئۆتىدىغان پويىزلارغا ئالاھىدە بىر خىل ياڭراتقۇ ئورنىتىشنى پىلانلىغان. بۇ ياڭراتقۇدىن بۇغىلارنىڭ نەپەس تاۋۇشى ۋە ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى چىقىدىكەن، بۇ ياڭراتقۇنى ئورنىتىشتىكى مەقسىتى مەلۇم يول بۆلەكلىرىدە پويىزلارنىڭ بۇغىلارنى سوقۇۋەتمەسلىكى، شۇنداقلا سوقۇۋېتىش سانىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار يېڭى ياڭراتقۇنى بۇ يىل ئىچىدە ئورنىتىپ بولۇشنى پىلانلىغان.

ياپونىيەدە رېلىسنىڭ ئەتراپىدا دائىم بۇغىلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇ ياڭراتقۇنىڭ ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇغىلار قېچىپ كېتىدۇ-دە، پويىزنىڭ يەنە بۇغىلارنى سوقۇۋېتىشىدەك ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

بۇ ياڭراتقۇنى ياپونىيە دۆلەتلىك تۆمۈر يول تېخنىكا تەتقىقات ئورنى (RTRT) تەتقىق قىلىپ چىققان. تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ دېيىشىچە، بۇغىلار ئادەتتە بىرەر خەۋپ خەتەرنى بايقىغان ھامان نەپەس تاۋۇشى ئارقىلىق باشقا بۇغىلارغا خەۋەر يەتكۈزىدىكەن، بۇغىنىڭ نەپەس تاۋۇشى بىلەن ئىتنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازىنى بىرلەشتۈرۈپ ياڭراتقۇدا قويۇپ بەرگەندە بۇغىلار تېزلا رېلىس ئەتراپىدىن ئايرىلىدىكەن. بۇ ياڭراتقۇ ئاللىبۇرۇن كەچلىك نۆۋەتچى پويىزلارغا ئورنىتىلىپ سىناق قىلىنغان، سىناقتىن بۇ ياڭراتقۇ ئورنىتىلغان پويىزلار ھەر 100 كىلومېتىردا 7.5 قېتىم بۇغا كۆرگەن، پويىزغا ئۇچرايدىغان بۇغىلار بۇرۇنقىغا قارىغاندا %45 ئازلىغان.

ياپونىيە قاتناش تىرانسىپورت تاماقلىرىنىڭ ئىستاتسىتىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇغا ۋە باشقا ياۋايى ھايۋانلار جەمئىي 613 قېتىم پويىز توختاش ۋەقەسى چىقارغان، قاتناش تارماقلىرى ئىلگىرى لاپىلداپ تۇرىدىغان قىزىل چىراغ ئورنىتىپ باققان، رېلىسقا شىرنىڭ گەندىسىنى قويۇپ قويغان، لېكىن ياۋايى ھايۋانلارنىڭ رېلىسقا ئېتىلىپ كېلىشىنى توسۇپ قالالمىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号