باش بەت

mewlanof

198يوللانما
3مەستانە

2017-يىلى ياپونىيەدە 21 مىڭ ئادەم ئۆلۈۋالغان

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-19 23:32 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، 

    ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ياپونىيە ساقچى مىنىستىرلىقى ياپونىيەدىكى ئۆلۈۋېلىش توغرىلىق ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغان. 2017 -يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ياپونىيەدە جەمئىي 21140 ئادەم ئۆلۈۋالغان، بولۇپ ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا 757 ئادەم ئازلىغان. گەرچە بۇ سانلىق مەلۇمات ئۇدا سەككىز يىل تۆۋەنلەۋاتقان بولسىمۇ بىراق يەنىلا يېڭى بىرقاتار مەسىلىلەر گەۋدىلىنىشكە باشلىغان. يەنى ئەرلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتىدىمۇ يۇقىرىلاش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. 

    دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 14693 ياپونىيەلىك ئەر ئۆلۈۋالغان، ئاياللارنىڭ سانى 6447 بولغان. ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى بۇ ساننىڭ تۆۋەنلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. 

      بۇ قېتىملىق سانلىق مەلۇماتتا قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن. (بۇندىن بۇرۇنقى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە يىلىغا 25 مىڭ ئادەم ئۆلۈۋالىدىغان بولۇپ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە بىر ئادەم توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرلەر.) بىراق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نىسبىتى يۇقىرىلىغان. 2017-يىلى 11- ئايدىكى سانلىق مەلۇمات ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلۈۋالغۇچىلارنىڭ ئىچىدە 20 ياشقا توشمىغانلارنىڭ سانى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن 29 ئادەم كۆپىيىپ 516 ئادەمگە يەتكەن. 

     ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ياپونىيەدە ھەر 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە 16.7 ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغان بولۇپ بۇ سان  باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭكىدىن خىلىلا يۇقىرى.  (ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەدە ھەر 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە 13 ئادەم). ئۆلۈۋېلىشنىڭ سەۋەبىگە قارىتا تەتقىقاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن، قۇرامىغا يەتكەنلەر كۆپىنچە ساغلاملىق مەسىلىسى، خىزمەت بېسىمى، كېسەللىك، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق، ئائىلىسى ئىناق بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۆلۈۋالغان. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆلۈۋىلىش سەۋەبى ئاساسلىقى مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.

  

     ياپونىيەدە ئۆلۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئىزچىل تۈردە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ كەلگەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ياپونىيەنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئۆلۈۋىلىش نىسبىتى بۇ دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەن. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى كۆپلىگەن ياش ياپونىيەلىك ئەرلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىشى سەۋەبىدىن ياپونىيە ئەمگەك كۈچىنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. 


   نۆۋەتتە ياپونىيە جەمئىيىتى نوپۇسنىڭ قىرىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقا توي قىلمايدىغان ۋە ئاجرىشىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى، كۈنسېرى ئۆرلەۋاتقان ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى ياپونىيە ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىگە زور بېسىم ئىلىپ كەلمەكتە. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号