باش بەت

ئىدىقۇت887

6886يوللانما
16مەستانە

ياپونىيە پويىزى يولۇچىنىڭ ۋاگوندا يەڭگىشى ئۈچۈن يېرىم سائەت توختاپ بەردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-20 13:42 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە «سانكېي خەۋەرلىرى» (Sankei)نىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 01:40 ئۆتكەندە، 25 ياشلاردىكى بىر ئايال يولۇچى ياپونىيە توكيودىن چىبا شەھىرى (Chiba-shi)گە قاراپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار پويىزىدا قىز بوۋاق يەڭگىگەن، يولۇچىلار پويىزى قىز بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 30 مىنۇت توختاپ بەرگەن.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدا بۇ يولۇچىدا توساتتىنلا تۇغۇت ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنى كۆرگەن باشقا يولۇچىلار دەرھال پويىز سۇپىسىدىكى جىددىي توختاش كۇنۇپكىسىنى باسقان ھەم جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلغان. دوختۇر-سىستېرالار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە، بۇ ياش ئانا ئاللىقاچان بىخەتەر ھالدا يەڭگىپ بولغان بولۇپ، كەينىدىن ئانا-بالا ئىككىسى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن چىبا شەھىرىدىكى دوختۇرخانىغا كۆزىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن.

پويىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تەلەيلىك قىز بوۋاقنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە شاھىد بولۇشقان، گەرچە پويىز يېرىم سائەت كېچىكىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرغان شۇنداقلا بۇ خۇشاللىق ئىشنى تورغا ھەمبەھرلىگەن.

بۇرۇن باشقا تاراتقۇلاردىمۇ ھامىلدار ئاياللارنىڭ پويىزدا تۇغۇپ قويغانلىقى توغرىسىدىكى ئىشلارنى خەۋەر قىلغان، يۇقىرىقى سۈرەتتىكى ئايالنىڭ ئىسمى شېرا لوۋې  (Sheera Lowe) بولۇپ، ئۇ نىيۇيوركقا قاراپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار پويىزىدا قىز بوۋاق تۇغقان، ئانا-بالا ئىككىلىسى ناھايىتى بىخەتەر بولۇپ، ئەينى چاغدا شېرانىڭ ھامىلىدار بولغىنىغا سەككىز يېرىم ئاي بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەستانە4 ئاي ئىلگىرى

    ئاستىدىكى باشقا خەۋەر ئۈستىدىكى باشقا قاراپ ئىنكاس يېزىڭلا قارسىغىلا يازماي

  • مەستانە4 ئاي ئىلگىرى

    ئاجايىپ ساراڭ دەلتە ئادەملە ئىنكاس يازدىكەنسىلە باللا ئاۋۇ ئايال ياپۇنيەگە مېڭىپتىما ئېنكاسنى مەزمۇننى تۇلۇق ئۇقۇپ يازساڭلامۇ بۇلدىمۇ ھەر ئىككىلىسى ياپۇنيەدىكى شەھەر ئاۋۇ ئايال ئامرىكىلىق بولغانغا ئامرىكىغا ماڭغان بوممايدۇ

  • 131******574 ئاي ئىلگىرى

    ياپونىيىدىن ئامېرىكىغا بىۋاسىتە پويىز قاتنامدۇرغاندا.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号