باش بەت

ئىدىقۇت887

6886يوللانما
16مەستانە

ياپونىيەدىكى 10 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىغا تەسىس قىلىنغان پوچتا ساندۇقى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-24 11:18 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە ۋاكاياما ناھىيەسى (Wakayama-Ken) دە 10 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىغا تەسىس قىلىنغان قىزىل رەڭلىك پوچتا ساندۇقى بار بولۇپ، بۇ پوچتا ساندۇقى دۇنيا جىننېس رېكورتى قامۇسىدا دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن پوچتا ساندۇقى رېكورتى ياراتقان.

بۇ پوچتا ساندۇقىنىڭ نامىنى ئاڭلىغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئۆزى ئەۋەتمەكچى بولغان پوچتا ئارتكىرتكىلىرىنى ئېلىپ دېڭىز ئاستىغا شۇڭغۇيدىغان بولۇپ، ئۇلار پوچتا ساندۇقىنىڭ يېنىغا ئۈزۈپ بارغاچ ئەتراپتىكى گۈزەل دېڭىز ئاستى مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، دېڭىز ئاستى پوچتا ساندۇقىغا خەت سېلىش ساياھەت تۈرىگە تەخمىنەن 20 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ سوممىسى 13 مىڭ ياپونىيە يېنى (يەنە تەخمىنەن 750 يۈەنگە تەڭ) غا يېتىدىكەن.

بۇ پوچتا ساندۇقى 1999-يىلى تەسىس قىلىنغان، 2002-يىلى جىننېس رېكورتى گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن. دېڭىز ئاستى پوچتا ساندۇقى تۈرى يولغا قويۇشى بىلەنلا كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن.

 پوچتىكەش ھەر كۈنى غەۋۋاسلىق كىيىمى كىيىپ ئارتكىرتكا ۋە خەت-چەك قاتارلىقلارنى يىغقىلى سۇغا ئاستىغا چۈشىدىغان بولۇپ، ئادەتتە كۈنىگە 10 پارچە ئەتراپىدا، ھېيت-بايراملاردا بولسا 50 پارچىدەك خەت-چەك يىغىلىدىكەن. 2011-يىلى، دېڭىز ئاستى پوچتا ساندۇقىدىن يىغىلغان خەت-چەك سانى 30 مىڭ پارچىدىن ئاشقان. بۇ خەت-چەك، ئارتكىرتكىلار يەنە شۇ جايدىكى پوچتا تارماقلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

دېڭىز ئاستىدىكى بۇ ئالاھىدە پوچتا ساندۇقىغا خەت-چەك سالماقچى بولسىڭىز، چوقۇم مەخسۇس سۇغا چىداملىق قەغەز ئىشلىتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ ئەلۋەتتە. ئۇنىڭدىن باشقا، پوچتا ساندۇقى ھەر كۈنى دېڭىز ئاستىغا سۇغا چىلىشىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى ئاسانلا كاردىن چىقىدىغان بولۇپ، بۇ خىل پوچتا ساندۇقىنى ھەر يىلى يېڭىلاپ ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 152******363 ئاي ئىلگىرى

    ھاياتلىق بىر كىلىدۇ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزمەمدۇ دەيمە شۇ كىشىنىڭ غېمىنى قىلىدىغان نۇرغۇنلىرى بولشى مومكىن

  • سەردار3 ئاي ئىلگىرى

    سراڭ بولاپ قالامدۇ بۇ خەقنڭ ئەقلى دۈمبسگە ئۆتەپ قەلغاندەك

  • ئەمەتجان 0073 ئاي ئىلگىرى

    ساراڭنىڭ بىر قىلقى ئارتۇق.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号