باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەيدانى رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-24 12:59 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 24-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ئاساخى ئاخباراتى» 23-يانۋار ياپونىيەنىڭ كاگاۋا ناھىيەسى توشىما ئارىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇلغىنىش ھادىسىسىنى خەۋەر قىلىپ، ئىلگىرىكى سۈزۈك يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يىغىلغان ئىشلەپچىقىرىش كېرەكسىز سۇلىرى بىلەن قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتتى. بوشلۇقتىن قارىغاندا بۇ جاي خۇددى بىر چوڭ رەڭ تەڭشەش تاختىسىغا ئوخشاپ قالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە توشىما ئارىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كېرەكسىزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەيدانىدا 80-يىللاردا كېرەكسىزلەرنى قانۇنسىز بىر تەرەپ قىلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن كۆلىمى يەتتە گېكتارغا يېتىدىغان بۇ مەيدان قاقاسلىشىپ ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغان.

بۇ مەيداننىڭ ھەممە يېرى كېرەكسىزلەرنىڭ چىرىتىشىدىن پەيدا بولغان تۆشۈكلەر بىلەن تولغان، ئېقىپ چىققان يەر ئاستى سۈيى يامغۇر سۈيى بىلەن بىرلىشىپ رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن. شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن ھۆكۈمەت بۇ مەيداننىڭ تازىلىماقچى بولدى. بىراق، بۇلغىنىش بەك ئېغىر بولغانلىقتىن ھەل قىلىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەيداننىڭ ئەتراپىدىكى سۇنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ زىيانلىق ماددا مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن 10 ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.

يەرلىك ئاممىنىڭ بۇ جاينى قايتىدىن يېشىللاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھېچقاچان توختاپ قالغان ئەمەس. 66 ياشلىق ئاكى ماسامى: «بۇ ئارالنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرىمىز. بۇ بىز ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ئەڭ ئادەتتىكى ۋەزىپە» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号