باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

413يوللانما
10مەستانە

ياپونىيەدە يانار تاغ پارتلاش سەۋەبىدىن قار كۆچۈپ نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-24 23:18 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە توكيونىڭ غەربىي شىمالىدىكى كۇساتسۇ شىرانې (Kusatsu Shirane) قار تېيىلىش ساياھەت رايونىدىكى يانار تاغ تۇيۇقسىز پارتلاپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە دالا مەشىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بىر نەپەر ئەسكىرى قازا قىلغان. بىر ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن قار كۆچكەن، ھازىر 100 نەپەر ساياھەتچى تارقاقلاشتۇرۇلغان.

ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يانار تاغنىڭ پارتلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان قار كۆچۈشتە ئاز دېگەندىمۇ 15 ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بىر  ئەسكىرى قازا قىلغان. ياپونىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى تاغدا مەشىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئالتە پىيادە ئەسكىرى قار كۆچكۈنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، بىر ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، قالغان ئەسكەرلەرنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ۋەقە يۈز بەرگەندە ئون ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى، ھازىر يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتى يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى تاغلىق رايوندىن يىراقلىشىشقا مۇراجىئەت قىلغان. شۇ جايدىكى بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى جەمئىي 78 ئادەمنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى، تاغ چوققىسىدىكى بىر ئاسما ۋاگون بېكىتىدە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «ھازىر بىز ئۇلارنى قانداق قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز.» دېدى. رەسىمدىكى يانار تاغ پارتلاشتىن پەيدا بولغان چاڭ توزان پۈتۈن ساياھەت رايونىنى قاپلىدى.

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتى يانار تاغ ئىلمى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سايتا ماكوتو (Makoto Saita) ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى، يانار تاغ يەنىلا تېخىمۇ كۆپ تاغ جىنسلىرى ۋە چاڭ-توزانلارنى ئېتىپ چىقىرىشى، ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قار كۆچكۈنى خەۋپ-خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا جىددىي يېتىپ كەلدى. رەسىمدە نۇرغۇن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى تاغ باغرىغا توختىتىلدى.

ياپونىيەدە يانار تاغ پارتلاپ ئانچە يېڭىلىق ئەمەس، 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ياپونىيەنىڭ ناگونو ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئونتاكى تېغى تۇيۇقسىز پارتلىغان، بۇ پارتلاش ياپونىيەنىڭ يېقىنقى 90 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق يانار پارتلاش بولۇپ، بۇ قېتىملىق يانار تاغ پارتلاشتا جەمئىي 63 ئادەم قازا قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • توپ4 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرنى مەن بايا مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلىقئارا خەۋەرلەردىن كۆرگەن ،يەرشارى بارغانسىرى ئاجىزلاۋاتىدۇ ھەممىز بىرلىكتە يەرشارىنى قوغدايلى،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号