باش بەت

نۇسرەتگۈل

7271يوللانما
221مەستانە

ئارگېنتىنادا 34 ئاندېس ئاق باش دېڭىز بۈركۈتى زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-27 14:33 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 26-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «رېيتېر ئاگېنتلىقى»نىڭ 26-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئارگېنتىنانىڭ غەربىي رايونىدا 34 ئاندېس ئاق باش دېڭىز بۈركۈتىنىڭ جەسىتى بايقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 20سى ئەركەك، 14ى چىشى. شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئاق باش دېڭىز بۈركۈتلىرى زەھەرلىنىپ ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئاندېس ئاق باش دېڭىز بۈركۈتلىرى شۇ جايدا يەنە «ۋۇلتۇر گىرىفۇس بۈركۈتى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن ھەم بەك ھۆرمەتلىنىدىكەن. نۆۋەتتە، دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى ئۇلارنى نەسلى قۇرۇش ئالدىدىكى تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن.

ئاندېس ئاق باش دېڭىز بۈركۈتى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى بىر خىل يېڭى قۇرۇقلۇق ئاق باش دېڭىز بۈركۈتى بولۇپ، چىرىگەن گۆشلەرنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، بۇغا ياكى ياۋروپا كالىسىغا ئوخشاش چوڭ ھايۋاناتلارنىڭ جەسىتىگە ئامراق، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 100 يىل ياشايدۇ. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھىت، شۇنداقلا ئىنسانلار پائالىيىتى سەۋەبلىك مەۋجۇتلۇقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىماقتا.

شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش تارمىقىنىڭ بىر خىزمەتچىسى:«بۇ ئاق باش دېڭىز بۈركۈتلىرىنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ زەھەرلىك جەسەتلەرنى يەپ قالغانلىقىنى بايقىدۇق. چۈنكى شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق مەيدان غوجايىنلىرى ئۆزى باققان ھايۋاناتلارنى قوغداش ئۈچۈن زەھەرلىك يەمچۈك (زەھەرلىك دورا چېچىلغان ئۆچكە گۆشى) ئارقىلىق ئامېرىكا شىرى ياكى تۈلكىلەرگە تاقابىل تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاق باش دېڭىز بۈركۈتلىرىنىڭ جەسىتى يېنىدىن يەنە باشقا ھايۋناتلارنىڭمۇ جەسىتى بايقالدى» دېدى.

شۇ جايدىكى ئاق باش دېڭىز بۈركۈتلىرىنى قوغداش تۈرىنىڭ مۇدىرى لۇيىس بۇ ئەھۋالنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا دېھقانچىلىق مەيدان غوجايىنلىرىنىڭ زەھەرلىك يەمچۈك ئىشلەتكەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاق باش دېڭىز بۈركۈتلىرىنىڭ يېتىلىشىگە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىيىش سۈرئىتىمۇ ناھايىتى ئاستا ئىكەن. شۇڭا زەھەرلىنىشنى ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان چوڭ تەھدىت دەپ قاراشقا بولىدۇ. نۆۋەتتە، جەنۇبىي ئامېرىكىدا تەخمىنەن 10 مىڭ ئاندېس ئاق باش دېڭىز بۈركۈتى بار بولۇپ، بۇ تۈرنى قوغداش ئۈچۈن بېقىش ۋە يېتىشتۈرۈش پىلانى تۈزۈلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تاتلېقجان (مېسكېن)4 ئاي ئىلگىرى

    كۇزۇمگە بەك ئاخسا كۇرنەمدۇ بۇركۇت بەك ئامراق بۇركۇتكە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号