باش بەت

durdana

1500يوللانما
122مەستانە

«ھوقۇق ئويۇنى» «غەربىي دۇنيا» تىياتىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشى مۇمكىن

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-28 11:30 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«غەربىي دۇنيا»(西部世界) قويۇلغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئادەم بۇ تىياتىرنى «كېيىنكى ‹ھوقۇق ئويۇنى› بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن، لېكىن بۇ ئىككى تىياتىرنىڭ باغلىنىشلىقى بارلىقى ھەققىدە ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان.

ئامېرىكا تىياتىرى «غەربىي دۇنيا»1973-يىلى ئىشلەنگەن شۇ ناملىق فانتازىيەلىك فىلىمدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. فىلىمدە رىم دەۋرى باغچىسى، ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرى باغچىسى قاتارلىق تېمىلاردىكى باغچىلاردا خىزمەت قىلىدىغان ماشىنا ئادەملەر سۆزلىنىدۇ.

1973-يىلىدىكى «غەربىي دۇنيا» دىن كۆرۈنۈشلەر

شۇڭا «غەربىي دۇنيا» تىياتىرى قويۇلغاندىن كېيىن نۇرغۇن مەستانىلەر ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىكى باغچىنىمۇ بۇ تىياتىرغا قوشۇش ياكى بولمىسا «ھوقۇق ئويۇنى» تېمىسىدىكى «ۋېستىروس چوڭ قۇرۇقلۇقى باغچىسى» نى، «خاررى پوتتېر» دىكى سېھىرلىك ئالەم تېمىسىدىكى باغچىنى، «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» تېمىسىدىكى باغچىنىمۇ قوشۇش تەكلىپىنى بەرگەن.

يەنە «ھوقۇق ئويۇنى» دىكى ئالقىشلانغان Khal Drogo ۋە نېد سىتاركلارنىمۇ تىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن.

ئەمما بۇ خىيالغا كەلگىنى پەقەت مەستانىلەرلا ئەمەس، بىر قانچە ئاي بۇرۇن «ھوقۇق ئويۇنى» نىڭ يازغۇچىسى جورج r·r· مارتىن «غەربىي دۇنيا» نىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى جوناسېىن نولەن ۋە لىسا جوي بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولغاندا «ۋېستىروس باغچىسى» نى قوشۇش ئويىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما «غەربىي دۇنيا» بىلەن «ھوقۇق ئويۇنى» نىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدە يەنە نەشىر ھوقۇقى، ئىجادىيلىق، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە ئۇششاق-چۈششەك مەسىلىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن توسالغۇلار مەۋجۇت.

لېكىن نولەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلگۈسىدىكى «غەربىي دۇنيا» نىڭ بۆلۈملىرىدە ھەر خىل تېمىدىكى باغچىلارنى قوشۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

HBO ئۆزى چىقارغان بۇ ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بىرلەشتۈرسە يەنىلا غايەت زور پۇل تاپالايدۇ شۇنداقلا يېڭىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغاندەك بولىدۇ.

لېكىن ئىككىسىنى بىرلەشتۈردۇق دەپ ۋەقەلىك ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان، قاملاشمىغان چىقىپ قالسا يەنىلا كۆرۈرمەننىڭ دىتىغا ياقمايدىغان ئىش چىقىدۇ.

شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ سېنارىسىتلىرى خېلى بۇرۇنلا بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلىرىنى باشلاپ بولغان، ئۇلار كۆپ قېتىم مۇنازىرە قىلىپ ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تېپىپ، ئىككىلى تەرەپ ماقۇل كەلگەندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي ھالدا سىنارېيە يېزىشقا تەرەددۇت قىلىدىكەن.

ئەڭ مۇھىمى بىرلەشتۈرۈلگەن سېنارىيە كۆرۈرمەننىڭ يۈرىكىگە تېگىشى كېرەك، بولمىسا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاشمايدۇ. شۇڭا سېنارىست چوقۇم يۇقىرى سەۋىيەلىك بولۇشى بەك مۇھىم.

ئەگەر سېنارىسىتلىققا مارتىن بوۋاينى تەكلىپ قىلسىغۇ ياخشى ئىش بولاتتى.

سىز «غەربىي دۇنيا» نى كۆرگەنمۇ؟ «غەربىي دۇنيا» دا ئاياغلىشىشقا ئاز قالغان «ھوقۇق ئويۇنى» نىڭ سىماسىنى قايتا كۆرۈشنى خالامسىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号