باش بەت

ئۇيغۇر

581يوللانما
16مەستانە

ياپونىيەلىكلەر زىيادە پاكىزلىقتىن ئۆزىگە كېسەللىك تېپىۋالدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-30 17:27 11 ئىنكاس چۈشتى

يەرشارى تورى خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى.

ياپونىيەدە ئىلمان سۇ چۈشۈرۈش ئىقتىدارى بولغان ئەقلىي تەرەتداننى ئىشلىتىش سەۋەبلىك كۆپلىگەن خانىم-قىزلاردا جىنسىي يول ياللۇغى كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى شىددەت بىلەن ئاشقان.

ياپونلار ئىلمان سۇ چۈشۈرۈش ئىقتىدارى بولغان تەرەتدان ئىشلىتىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر ئىلمان سۇدا مەقئەت ياكى جىنسىي يولنى تازىلىغانلىق سەۋەبلىك قىسمەن دائىرىدە ياللۇغلىنىش كۆرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭ جىنسىي يولى ياللۇغلىنىش ئەڭ ئېغىر ئىكەن. دائىم ئىلمان سۇ چۈشۈرۈش ئىقتىدارى بولغان تەرەتدان ئىشلەتكەن كىشى، ئىشلەتمىگەن ئادەملەرگە قارىغاندا، جىنسىي يولدا دائىم تۇرىدىغان باكتىرىيەنى بەش ھەسسە كۆپ يوقىتىۋېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئارىلاش باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ياپونىيە Livedoor خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياپونلار زىيادە پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، تاللا بازىرى ۋە ئاپتوبۇس بىكەتلىرىدىكى ھاجەتخانىلاردىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەتدان ئورنىتىلغان ئىكەن. ئۇلار ئىلمان سۇ چۈشۈرۈش ئىقتىدار بولغان تەرەتدانغا ئاجايىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن. بىراق ياپونىيەدىن باشقا دۆلەتلەردە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەتداننى تاپماق تولىمۇ قىيىن.

دائىم مەقئەتنى ئىلمان سۇدا يۇيۇش تېرىدە دائىم تۇرۇشلۇق باكتېرىيەنىڭ ئېقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە يول ھازىرلايدۇ. شۇڭلاشقا تەرەتتىن كېيىن تازىلىق قەغىزىدە يېنىك سۈرتۈش ئەڭ ياخشى تازىلاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چوغلان3 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنداق ئەقلى ئىقتىدارلىق تەرەتدان بەزى مېھمانخانا ياتاقلىرىدا بار ،يۇيغاندىن كېسەل بولىدۇ دېمەكچى ئەمەس ،ئاۋۇ تەرەتدان ئولتۇرىدىغان يەرنىڭ تېمپراتۇرىسىنى تەڭشەش ،ئىسسىق سۇ پۈركۈپ ئالدى-كەينىنى تازىلاش ئىقتىدارلىرى بار ،پۈركىلىدىغان سۇ تەرەتداننىڭ سۇ ساقلىغۇچىسىدا ساقلىنىدۇ ھەم تىمپراتۇرىسى ئىسسىق بولغاچقا مىكروبلارنىڭ كۆپىيىسىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن .يۇيماي يۈرسىڭىز ساغلام بولىسىز دېگەن گەپ يوق .

  • HALiD3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىلمان سۇدا يۇيۇش بەك ياخشى

  • ھېكىم3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاقماس گەپ يۇسا كسەل بولامدىكەن ھەر قېتىملىق تەرەتتىن كىيىن پاكىز يۇيۇش ئەڭ گۈزەل پاكىزلىق ھەرخىل كىسەللەردىن ساقلايدۇ بۇلاپمۇ گىمروي دىگەندەك

  • ATKAM3 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋۇي ئەمدى مەينەت ئادەملەردىن بۇلايلى

  • 11111111113 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇنى تىجەينى بىر ئۇبدان قەغەز داڭگال تۇرسا

  • تەنھا 6183 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنچە بۇ بەكلا يۈزەكى قاراش بوپ قاپتۇ، يۇيۇشتىن ياللۇغلىنىش ئاۋۇپ كەتسە يۇيۇنۇشتىنمۇ ئىھتىيات قىلىش كىرەكتە ئۇ چاغدا بەكلا يۈزەكى بوپ قاپتۇ بۇلانىڭ قارشى

  • Az KalDi3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن بىر ئىشنى چۈشەنمىدىم ،،،، بۇ يەردىكى مەسىلە ئەقلىي تەرەتدانمۇ ياكى ئىلمان سۇمۇ ؟

  • يېس3 ھەپتە ئىلگىرى

    كېسەل تېپىۋالغان بولسا يۇماي يۈرسۇن ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا

  • خولوپ ئاش3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىلمان سۇ بولمايدۇ سەل قىززىقراق سۇ بىلەن تازىلاش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل

  • مامكاپ3 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇنداقمۇ ئىش بار ئىكەن دە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号