باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
156مەستانە

ياپونىيەلىك ئارخېتىكتور ئاممىۋىي مۇنچىغا بېرىپ رەسىم سىزىپ نام چىقاردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-30 18:56 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 30-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە ئاساخى ئاخبارات تورىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەلىك خانومى ئېنيا (Honami Enya) ئىسىملىك سەنئەتكار يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئىلگىرى ئارخېتىكتورلۇق ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان ئېنيا زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن بىر ئاممىۋىي مۇنچىدا ئىش بېجىرىپ ئويلىمىغان يەردىن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

ئېنيا مۇنچىغا كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن مۇنچىغا مۇناسىۋەتلىك يېقىملىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى، ئارخېتىكتورلۇق ئورنىدىكى رەسىم سىزىش تەجرىبىلىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كەسپىي گۈزەللىككە ئىگە قىلدى.

2017-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئېنيا پۇكەيدە خېرىدارلار بىلەن ئۇچرىشىشقا ھەمدە مۇنچىنىڭ بوش يەرلىرىگە رەسىم سىزىشقا باشلىدى. ئۇ سىزغان رەسىملەر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كېيىن ياپونىيەدىكى بىر ساياھەت ژۇرنىلى ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنىدىغانلار سانى تېخىمۇ ئاشتى.

ئېنيانىڭ ئەسەرلىرى نام قازانغاندىن كېيىن ئۇ تېخى مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، مۇنچا ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئەسەرلىرىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى. ئېنيا گەرچە ئارخېتىكتورلۇق ئورنىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ دەسلەپكى ئارزۇسىدىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، ئەمما قايتىدىن ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يېڭى يۆنىلىشنى تاپقانلىقى، تەستە ئېرىشكەن بۇ خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号