باش بەت

mewlanof

194يوللانما
2مەستانە

ئەقىل بۆلۈنمىسى ئەڭ يۇقىرى ھايۋانلارنى بىلەمسىز؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-02-05 16:35 8 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسى ھەققىدىكى بىلىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جانلىقلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى. تۆۋەندە بىز ئەقىل بۆلۈنمىسى ئەڭ يۇقىرى ھايۋانلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. 

ئالتىنچىسى: ئىت

ئىتلار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سادىق دوستى بولۇپ، نۇرغۇن ئىتلار تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە بىز  ئۈچۈن قابىل ياردەمچى بولۇپ كەلمەكتە. ئىتلار ئەقىللىك كاللىسى ۋە ئۆتكۈر پۇراش سېزىمى ئارقىلىق ئىنسانلار قىلالمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدۇ. مەسىلەن: نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ دېلولار ئەقىللىك ئاپشاركىلارنىڭ ياردىمىدە پاش قىلىنىدۇ.

بەشىنچىسى: پىل

بۇرۇن ئىشلەنگەن بىر تەجرىبىدە پىل ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىنى تونۇيالىغان. نۆۋەتتە بۇنداق مۇرەككەپ ئەقلىي ھەرىكەتنى پەقەت ئادەمسىمان مايمۇن بىلەن دېلفىنلا قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پىل توپى ئىچىدىكى پىللار ئادەتتە دائىم ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشىدىغان بولۇپ، يەنە تېخى بىر-بىرىگە تەسەللىي بېرەلەيدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئىزچىل تۈردە پىللارنىڭ ئۆزلۈك قارىشى ناھايىتى كۈچلۈك دەپ قارايدۇ. 

تۆتىنچىسى: سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىق

سەككىز ئاياغ ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىك ھايۋان. بەزىلەر تېخى ئۇنى «تاشقى پىلانېتا جانلىقى» دەپ قارايدۇ. سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىقنىڭ چوڭ مېڭىسى نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بولغان چوڭ مېڭىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپ قىسىم سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭكىدىن كۆپ. شۇ سەۋەبتىن سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىق بىر قىسىم «مۇرەككەپ مەسىلىلەر»نى ئۆزى مۇستەقىل ھەل قىلالايدۇ. 

ئۈچىنچىسى: دېلفىن

دېلفىنلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن دېلفىننىڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى 1.6 كىلوگىرام كېلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 1.5 كىلوگىرام بولۇپ، مېڭە ئېغىرلىقى جەھەتتە دېلفىنلار بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دېلفىنلار ئادەملەر ئۆگەتكەن نۇرغۇن بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ دوراش  ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك. دېلفىنلارمۇ ئىنسانلارنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ دېلفىننىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەملەرنى قۇتقۇزغانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەرمۇ تارقالغان. 

ئىككىنچىسى: شىمپەنزە

ئەقلىي ئىقتىدارى جەھەتتە ئادەملەردىن قالسىلا شىمپەنزە ئەڭ ئەقىللىك. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەملەر بىلەن شىمپەنزىلەرنىڭ DNAسىدىكى  پەرق پەقەت %1.24 ئىكەن. گېن گۇرۇپپىسى رەت-تەرتىپىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملارنىڭ تەجرىبىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئادەملەر بىلەن شىمپەنزىلەرنىڭ ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرى %98.5 ئوخشىشىدىكەن. شۇڭلاشقا يەنە نۇرغۇن ئالىملار ئىنسانلار شىمپەنزىلەردىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كەلگەن دەپ قارايدۇ. شىمپەنزىلەر مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلالايدۇ ۋە مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدۇ. 

بىرىنچىسى: ئىنسانلار

شەك-شۈبھىسىزكى، ئىنسانلار ئەقىل بۆلۈنمىسى جەھەتتە يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.  

باش سۈرەت تاللاش x
  • ق****ن1 ھەپتە ئىلگىرى

    fm316تورداش ئادەم ئەقىلىق ئاڭ بار ھايۋان

  • سېرىق مۈشۈك2 ھەپتە ئىلگىرى

    مۈشۈك قېپ قاپتۇ يەنە ياڭاقنى ئىگىزدىن تاشيولغا تاشلاپ چېقىشنى، قىزىل چىراقتا توختىغان ماشىنىنىڭ چاقىغا قۇيۇپ چېقىشنى قاغىدىن باشقا قايسى جانلىق قىلالايدۇ

  • 荒漠儿子2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىشەكنىڭ بۇ تىزىملىكتىن چۈشۈپ قېلىشى مىنى بىرئاز ئۈمىتسىزلەندۈردى،،، ئەمەلىيەتتە ئات ۋە ئىشەكنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىمۇ خېلى يۇقىرى ئىدى،،، يەنە بۆرىلەرمۇ بار،،

  • ئوتلوق2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەقىللىق ھايۋانلار دەپ قويۇپ ، بىرىنچىسى ئىنسانلار دەپ قويۇپتۇ يا دۆت ئادەملەرمۇ بۇ.

  • قايدا سەن2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھازىر قارىسام ھەممە ھايۋانلار ئەقىللىق بوپ كەتكەندەكلا تۇيۇلىدۇ

  • FM3162 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىنسانلارنىمۇ ھايۋان دەپ قارامسىز تەھرىر ، خەۋەرنىڭ تىمىسىغا ھايۋان دەپ يىزىپ مەزمۇنغا ئىنسانلارنى قىستۇرغىنىڭىز نىمىسى

  • تۇلپار CR72 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاتچۇ ئات،،،،؟ ئاتنىڭمۇ ئەقىللىق يەرلىرى باغۇ،،،

  • T@NHA2 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ باكەنمەن ھى ھى ھى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号