باش بەت

كىنوچى

3902يوللانما
216مەستانە

«پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش»نىڭ يەنە بىر يېڭى فىلىمى ئىشلەنمەكچى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-07 22:38 1 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» (星球大战) يېڭى فىلىم ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2017-يىلى يىل ئاخىرىدا «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش 8: ئاخىرقى رېتسار» (星球大战8:最后的绝地武士) يەنىلا زور بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، دىسنېي دەرىجىدىن تاشقىرى تاۋاق مۇسابىقىسى كۈنى «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش: سولو» (索罗 :星球大战外传》)نىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى ئېلان قىلدى، ھازىر يەنە بىر يېڭى پىلانى بارلىققا كەلگەن.

«ھوقۇق ئويۇنى» (权力的游戏)نىڭ ئىجادىيەتچىلىرىدىن داۋىد بېنىيوف (David Benioff) بىلەن ۋېس (D.B. Weiss) يېڭى «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» يۈرۈشلۈك فىلىمىنىڭ سېنارىست ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن، بۇ فىلىمنىڭ باشقا «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» فىلىملىرى بىلەن باغلىنىشى يوق بولۇپ، يېڭى ۋەقەلىك سامانيولى سىستېمىسىنىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتە فىلىمدىن باشقا، دىسنېي «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش»نىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلىمەكچى بولغان، «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش: سولو» 5-ئاينىڭ 25-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلۇشقا باشلايدۇ، يەنە بىر يېڭى فىلىمى بولسا 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى قويۇلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 对方正在输入...4 ئاي ئىلگىرى

    پەقەت تاينى يوق بۇ كىنونىڭ نەرىنى دەپ كىيىنكى بۆلۈملىرىنى ئىشلەيدىكىن تاڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号