باش بەت

ئىدىقۇت887

6886يوللانما
16مەستانە

ھىندىستاندا «يىگىت بۇلاش» ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-08 12:45 21 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«پايدىلىنىش خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ ماتىرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بىھار ئۆلكىسىدە 2017-يىلى بويتاق ياش يىگىتلەرنى توي قىلىشقا قىستايدىغان دېلودىن 3404 ى يۈز بەرگەنىكەن. گەرچە قىزلارنىڭ توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىشى ھىندىستاندا ئۇمۇميۈزلۈك ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ياش يىگىتلەرمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىكەن. نامراتلىق، قىز تەرەپنىڭ يۇقىرى سوممىلىق قىز مېلى بىلەن تەمىنلەش ئەنئەنىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، بىھار ئۆلكىسىدە يىگىتلەرنى تۇتقۇن قىلىۋىلىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان ئەھۋال كۈنسېرى ئېغىرلىشىشقا باشلىغان.

ئىسپانىيە «دۆلەت گېزىتى» تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە،ھىندىستان بىھار ئۆلكىسىدىكى بىر ساقچى 4-چېسلا كۈنى يەرلىك تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: «تۇتقۇن قىلىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان ئەھۋال بىھار ئۆلكىسىدە كونتىرولسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كۆپىنچە توي مۇراسىملىرى يىگىت تۇتقۇن قىلىنىپ مەجبۇرلانغان ياكى يىگىت ۋە يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ». 2017-يىلى 1-ئايدا، ھىندىستان بىھار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى پاتنا (Patna) دىكى بىر ئېنژىنىر يىگىتنىڭ توي مۇراسىم ۋېدىئوسى  دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ۋېدىئودا تويى  بولغان يىگىت ھۆڭرەپ يىغلىغان ھالدا ئۆزىنىڭ بىر ئوچۇم قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاللىقاچان تەق قىلىپ قويۇلغان توي مۇراسىمىغا يىگىت قاتارىدا قاتنىشىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەرگىزمۇ ئايرىم ھادىسە ئەمەس ئىكەن، بۇنىڭغا بىھار ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتى ئىسپات بولالايدىكەن. 2016-يىلى، بىھار ئۆلكىسىدە تەخمىنەن 3070 نەپەر ياش يىگىت تۇتقۇن قىلىنىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلانغان، 2014-يىلى، تەخمىنەن 2500 دەك يىگىت دەل مۇشۇ خىل ناچار ئادەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن. 2009-يىلى بولسا، بۇ خىل دېلولارنىڭ پاش قىلىنىش قېتىم سانى ئارانلا 1337 قېتىم ئىدى، دېمەك، بۇ خىل ئەھۋال كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ بارماقتا ئىدى.

يىگىتلەرنى تۇتقۇن قىلىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلانغان ئەھۋال ھىندىستان شىمالىي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمى شۇنداقلا شىمالىي ئۆلكىسىگە قوشنا بىھار ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا مەركەزلەشكەن. يۇقارقى ئىككى رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى قالاق، ئاساسىي ئۇل-مۇئەسسەسەلىرى تولۇق بولمىغانلىقتىن، پۇقرالار  نامرات، مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن بولغاچقا، تەبىقە كەمسىتىشى شۇنداقلا قىز مېلى ئېلىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ رايونلاردىكى كىشىلەر نامراتلىق تۈپەيلىدىن يىگىت تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەلەپ قىلغان يۇقىرى سوممىلىق قىز مېلىنى بېرەلمەيدىكەن. قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-يارەنلىرى بويىغا يېتىپ قالغان قىزىنى ياتلىق قىلىش بېسىمى ئاستىدا ئامالسىز «يىگىت بۇلاپ» توي قىلىشقا مەجبۇرلاشتەك چارىنى ئويلاپ تاپقان.

ھىندىستاندىكى  مەملىكەتلىك جىنايەت تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ 2015-يىلىدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن ھىندىستاندا ئېلىپ بېرىلغان سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بىھار ئۆلكىسىدە 18 ياشتىن تۆۋەن يىگىتلەرنى تۇتقۇن قىلىش دېلوسى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن بولۇپ، 2015-يىلى بىھار ئۆلكىسىدە 18 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان يىگىتلەرنى تۇتقۇن قىلىش دېلوسىدىن 1096 سى يۈز بەرگەنىكەن، بۇ پۈتكۈل ھىندىستاندىكى تۇتقۇن قىلىش دېلوسىنىڭ %17 نى ئىگەللىگەن.

بىھار ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ ھىندىستانلىقلارنىڭ توي قىلىش ئەنئەنىسىدىكى  ياخشى پەسىل ئىكەنلىكىنى، ساقچى تەرەپنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، توي يېشىغا توشقان ياش يىگىتلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىشتەك دېلولارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 10193 ئاي ئىلگىرى

    خەۋەردىنمۇ ئىنكاسلا قىززىپ كىتىپتۇ باللا كۇلگەن چىراي

  • ئابىھايات3 ئاي ئىلگىرى

    بىرىشنى خالايدىغانلار تىز بىلەت زاكاس قىلىڭلار ؟

  • سىرلىق چاي3 ئاي ئىلگىرى

    مەجبۇر تۇي قىلسا كۆڭلى چۈشەمدۇ ساراڭ ساراڭ ساراڭ ساراڭلا ئۇنداق قىلىشما

  • بۇران3 ئاي ئىلگىرى

    نىمدىگەن ياخشى ئۇنداقتا مەن باسام بۇغىدەك

  • مۈشۈك شاھ3 ئاي ئىلگىرى

    ساراڭ خەقمۇ قاندا ئۇلار بۇبىر ساراڭلىق

  • شەرق شامىلى3303 ئاي ئىلگىرى

    ئاجايىپ خەقكىنا بۇ ئوغۇللارنى بولاپ توي قىلغىلى سالىدىغان

  • 你还记得吗?3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ بارغۇم كىلىۋاتىدۇ

  • ακαх Aδкi3 ئاي ئىلگىرى

    يىلىمۇ ھىندىستاندا قىزلارنىڭ سانى ئازكەن جىق بولغان بولسا نىمە بوپ كىتەر ھە قىزلارنىڭ ئازلىقىدىن باسقۇنچىلار جىق قىز مىلىنى ئازايتىپ خۇتۇن ئالسا بولىدۇ باسقۇنچىلىق قىلغۇچە

  • دىلبەر3 ئاي ئىلگىرى

    ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھىندتاندىن چىققدىكەن دىسە

  • 阿卜杜09983 ئاي ئىلگىرى

    بىر ئادەم چاقىچاق قىلىپ مىنىمۇ بۇلاپ كەتىسىكەن دسە نىمانىداق سۈزلەپ كىتىسىلە ھەرقانىداق ئادەمىنىيڭ ئۈزنىيڭ ئەركىنىلىكىي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号