باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

12217يوللانما
1180مەستانە

دۇنيادىكى بارلىق پۇلنى ھەر بىر كىشىگە تەڭ ئۈلەشتۈرگەندە سىزگە قانچە پۇل تېگىدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-08 11:28 48 ئىنكاس چۈشتى

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بىز: «ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەپ»: «ئەگەر مەن تىلەمچىلىك قىلسام، ئاندىن بىر مىليارد 300 مىليون ياخشى نىيەتلىك كىشىنىڭ ھەممىسى ماڭا بىر يۈەندىن بەرسە، ئۇنداقتا مەنمۇ كۈندە جاپا تارتىپ ئىشلەپمۇ يۈرمەيمەن، ھېچ ئىش قىلمايلا، مىلياردېر بولۇپ كېتەركەنمەن...» دېگەنلەرنى ئويلاپ باققان بولۇشىمىز مۇمكىن.

بىراق چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇ خىيالىمىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەخمىقانە ۋە ساددا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بىراق خىيال سۈرگەنگە باج ئالمىغاندىكىن، خىيال قىلىپ باقساق نېمە بولماقچى، شۇنداقمۇ؟ ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرىلىشىچە، 2017-يىل 24-ئاپرېلغىچە دۇنيانىڭ پۈتكۈل نوپۇس مىقدارى يەتتە مىليارد 500 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، ئۇنداقتا دۇنيادىكى بارلىق پۇللارنى يىغىپ، مۇشۇ يەتتە مىليارد 500 مىليون ئادەمگە تەپمۇتەڭ بۆلۈپ بېرىدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا سىز بىلەن ماڭا قانچە يۈەندىن تېگىدىغاندۇ؟

بىزگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكىنىدەك، جەمئىيەتتىكى %80 بايلىق %20 كىشىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئومۇمىي بايلىقى 300 تىرىليون دوللارغا يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئادەمگە 40 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 320 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) تېگىدۇ، دېگەن گەپ. (بىر ھېسابتىغۇ بىراقلا مىليونىر بولالمىساممۇ، ئىشقىلىپ يوقتىن ياخشىكەن ھە؟)

بىراق، دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە بايلىق ئىگىلەش مىقدارى 22 مىڭ 513 دوللارغا يېتىدۇ، ئەگەر بايلىقنى تەكشى تەقسىملىسەك، ھەربىرىمىز ئاساسەن دېگۈدەك پايدىغا ئېرىشكەن بولىمىز. ئىشقىلىپ ئۆي ئالغىلى بولمىسىمۇ، نېمىلا دېگەنبىلەن بىز يەنىلا ئىقساد تەرەققىياتى تەكشىسز، باي-نامراتلىق پەرقى بىر قەدەر چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز ئەمەسمۇ، ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، بايلىقنى تەكشى تەقسىملىگەندىن كېيىن، گەرچە كۆپچىلىك بىرلىكتە باشلىنىش پەللىسىدە تۇرسىمۇ، بىراق يىراقنى كۆرەر، ئىقسادىي كاللىسى ياخشى، تېخنىكىسى بار، تەلەيلىك كىشىلەر ھەمىشە ئۆزگىچە ئۇسۇلى بىلەن يەنە قايتىدىن ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن بولغان پەرقنى يوغان قىلىۋېتىدۇ.

قانداق، سۆيۈملۈك نۇرداشلار، ئەگەر سىزنىڭ قولىڭىزدا راستىنلا مۇشۇنداق پۇل بولسا، ئەڭ ئالدى بىلەن نېمە ئىش قىلىشنى خالايسىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۇتىيۇللام1 ھەپتە ئىلگىرى

    پاھ ئۈچ يۈز تىرىليون بەك كۆپمۇ قانداق؟

  • gul199991 ھەپتە ئىلگىرى

    توۋا توۋا باللا

  • ئەسكى -Y1 ھەپتە ئىلگىرى

    يورۇڭقاش 0903، قىمار شاھى جەمشىت دىگەن كىمۇ ئۇ ؟

  • سارغايغان ياپراق1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن قانداق قىلسام قېتېلىمەن
    سىلگە نۇرتۇردكى ئەزىزلە

  • سارغايغان ياپراق1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن يېڭى كىردىم قوللاپ قۇياسىلە نۇر تۇردېكىئەزېزلە

  • sarang bora1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر كويدىن بەسە دىكىلەر ھازىردىن باشلاپ شەھەرمۇ-شەھەر سەپەرگە ئاتلىنىڭلا ،بولمىسا ئۆمرۇڭلەر يەتمەيدۇ ،

  • muzgul1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەندە شۇنداق پۇل بوغان بولسا، ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇلاتتىم، كۇرۇسلادا بىلىم ئاشۇراتتىم، ئاندىن قالغان پۇلنى مەبلەغ سېلىپ ئىگلىك تىكلەپ،كەلگۈسىدە بالامنى ياخشى ئۇقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلغان بۇلاتتىم،ھەي

  • miras1191 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۆزگىرىش يوق.......

  • پەنەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    شاش نۇرداشنىڭ ئىنكاسى قەلبىمنى ئىللىق بىر سىزىمغا باشلاپ باردى.مەنمۇ ئۆي ماكانسىز قالغان كىشىلەرگە ھىسداشلىق قىلىدىغان،يارىدەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان كىشىلەر توپىغا مەنسۇپ.تىل دىلنىڭ ئەينىگى، يىزىلغان ئىنكاس قەلىپنىڭ ساداسى.

  • hayker1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەندە ئاشۇنداق پۇل بولغان بولسا دۇنياغا داڭلىق قىمار شەھىرى بولغان ئاۋمېن غا باراتتىم دە. ئۇ يەردىكى كاتتا باشلارنىڭ. پۇلىنى بىر بىرلەپ ياسىۋىتەتتىم ئۇنىڭدىن كېيىن كاتتا بىر مەيدان زىياپەت ئۆتكۈزۈپ دۇنيانىڭ قىمار شەھىرى بولغان.لاسۋىگاسقا باراتتىم ئۇ يەردىمۇ؟بىر مەيدان زىياپەت ئۆتكۈزەتتىم.دە داڭلىق قىمار پېشۋالىرىنى سورۇنغا تەكلىپ قىلاتتىم بىر مەيدان قىمار باشلىۋەتتىم. ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش ھەممىسىنىڭ پۇلىنى ياسىتەتتىم ئاخىرىدا چوڭ بىر تەبرىكلەش زىياپىتى ئۆتكۈزىمەن دە داڭلىق چولپانلاردىن نىكۇلاس تام كۇرۇس. سىتەيلۇن شىۋاشىڭگىر دېگەندەكلەر بىلەن يېقىن بۇرادەرلەردىن بولۇپ كېتەتتۇق قاتتىق كۈلۈپ ، كۆزدىن ياش چىقىپ كەت ىكەن. چىراي ئىپادىسى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号