باش بەت

ئىدىقۇت887

7284يوللانما
15مەستانە

ياپونىيەدە ياشانغان شوپۇرلار «تاشيول قاتىلى»غا ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-09 23:24 2 ئىنكاس چۈشتى

ياپونىيە «سانكېي خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ياپونىيە مىياگى ناھىيەسى يۇرىياگې شەھىرى (Yuriage) دىكى jr شەرقىي شىمال پويىز لىنىيەسىنىڭ يۇرىياگې-كىياگا ئارىلىقىدىكى تۆمۈر يول ئېغىزىدا يېنىك تىپتىكى كىچىك پىكاپ ھەيدەپ كېتىۋاتقان ياشانغان بوۋاي شۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پويىزغا سوقۇلۇپ كەتكەن، ياشانغان بوۋاي نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە قازا قىلغان. ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا سىگنال توسقۇچ ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچ ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا پويىز جىددىي تورمۇز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن توختاشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان، بۇ نۆۋەتچى پويىزدا 170 نەچچە يولۇچى بار بولۇپ، بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن مەزكۇر تۆمۈر يول بۆلىكىدە قاتناش توختاپ قالغان.

بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن، 85 ياشقا كىرگەن ياشانغان «پېشقەدەم شوپۇر» ياپونىيەنىڭ گۇنما ناھىيەسى (gun ma ken) دە ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا ئىككى نەپەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىسىنى سوقۇۋەتكەن، ۋەقەدە بۇ ئىككى قىز ئوقۇغۇچى يارىلىنىپ ھوشىدىن كەتكەن. ۋەقە سادىر قىلغۇچى بوۋاي ئۆز خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئېسىمگە كەلسەم ۋەقە ئاللىقاچان سادىر بولۇپ بوپتۇ».

نۆۋەتتە ياپونىيەدە ياشانغان شوپۇرلارنىڭ ماشىنا ھەيدەپ ئېچىنىشلىق پاجىئە سادىر قىلىشى ئاللىقاچان ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بېشىنى قاتۇرۇشقا باشلىغان. ياپونىيەدە شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىپ ماشىنا ھەيدەشكە ياش چەكلىمىسى قويۇلمايدىغان بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپلىگەن 70 نەچچە ياش ھەتتا 80 نەچچە ياشلىق ياشانغان «پېشقەدەم شوپۇرلار» كۈنسېرى كۆپىيىپ «تاشيول قاتىلى» غا ئايلىنىشقا باشلىغان شۇنداقلا ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان.

ياپونىيە ساقچى ۋازارىتىنىڭ ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ياپونىيەدە ياشانغان شوپۇرلارنىڭ قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىشى تۈپەيلىدىن ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلۈشى بارغانسېرى ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت 2016-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا، ياپونىيەدە يۈز بەرگەن %13.5 قاتناش ئۆلۈم ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شوپۇرلارنىڭ يېشى 75 ياشتىن ئېشىپ كەتكەنىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • يۇلتۇزلۇق كىچە1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنداق قىرى شوپۇرلارنىڭ 12نۇمۇرنى بىراقلا يىرتىۋىتىش كىرەك،

  • ئەلشاھ1 ھەپتە ئىلگىرى

    يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ قاتناش قانۇنى ۋە قائىدىسى بەكلا مۇكەممەل. ئۆزىنىمۇ باشقىلارنىمۇ قوغدىيالايدۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号