باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

12290يوللانما
1188مەستانە

ھەر سانى ئون پارچىلا چىقىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ژۇرنال

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-02-10 18:00 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1983-يىلى ئامېرىكا مىننېسوتا ئىشتاتىدا تۇغۇلغان ئېرىك مادىگان خېك شەك-شۈبھىسىزكى ئالامەت پاراڭ تېمىسىغا ئىگە شەخس. ئۇنىڭ خاس ئۇسلۇبى ۋە تالانتى بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخى 23 يېشىدىلا ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ژۇرنال«Nomenus Quarterly»نى ئىجاد قىلىشى كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ.

«Nomenus Quarterly» ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەقىقىي ھەشەمەتلىك ژۇرنال، ھەربىر سانىدىكى سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى داڭلىق فوتوگرافلارنىڭ ئەزەلدىن ئېلان قىلىپ باقمىغان ياكى مەخسۇس مۇشۇ ژۇرنال ئۈچۈنلا تارتىلغان ئەسەرلەردۇر. بۇنىڭدا يەنە ئېرىكنىڭمۇ كاتتا ئەسەرلىرى بار. ژۇرنالنىڭ مۇقىم سېتىلىش باھاسى يوق، ئالدىنقى ئالتە سانىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 2500 دوللار (تەخمىنەن 16000 يۈەنگە باراۋەر)، ھەربىر سانى ئارانلا 50 پارچە چىققان. كېيىن ئۇلار باھانى بىراقلا 6500 دوللارغا (تەخمىنەن 41000 يۈەنگە باراۋەر) ئۆستۈرۈپ، ئارانلا 10 پارچە چىقىرىدىغان بولغان.

بۇ ژۇرنالدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىغا قىزىقىسىز، لېكىن سېتىۋېلىشقا قۇربىتىڭىز يەتمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟ ھېچقىسى يوق، بۇنىڭ ھەربىر ساندىكى مەزمۇنى (ئىلگىرىكى ساندىكىلىرى) ئورگان تور بېكىتىدە ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن.

سىز بۇنى بىر خىل يۇقىرى دەرىجىدىكى قابىلىيەتلىكلەر مەسلىكى دېسىڭىزمۇ ياكى بولمىسا بىر خىل چەكلىك نۇسخىدىكى تەشۋىقات ۋاستىسى دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىراق ئېرىكنىڭ قارىشىچە، «Nomenus Quarterly» مودا بىلەن سەنئەتنىڭ سەرخىلىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن يەنە تېخى مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىر خىل سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ نەپس لايىھەلەنگەن پەسىل ژۇرنىلى 11×17 ئىنگلىز سۇڭلۇق (تەخمىنەن 27×43 سانتىمېتىرغا باراۋەر) سۈرەت ۋە مودا لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ مەخسۇس ماقالىسىنى بويلاپ تەشكىل تاپقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ژۇرنالنىڭ مەزمۇنى چوقۇم مودىغا چېتىشلىق بولۇشى شەرت ئەمەس، چۈنكى بۇنىڭ ئۆزىلا «بىر سەنئەتكارنىڭ تۈرى» بولۇپ، سۆيگۈ ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

بىراق، 2013-يىلى ئېرىك «Nomenus Quarterly» تارقىتىشىنى توختاتتى. ئۇ CREEMنىڭ مەخسۇس ئىستونىغا: «سودا مەنپەئەتى بىلەن تولغان بۇ دۇنيادا مەن تەسىلىم بولۇش بىلەن چارچاپ ھالىمدىن كەتتىم. ماڭا ساختا كۆڭۈل بۆلىدىغان داڭدارلاردىن، پەقەت خېرىدار ماركىسىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىلا تارتىشتىن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تېمىلارنى پاراڭلىشىشتىن تولىمۇ زېرىكتىم، يەنە كېلىپ ئەڭ مۇھىمى، بارلىق نەرسىلەر ئۈچۈن ئازابلىنىشتىن زېرىكتىم»، دەپ يازدى. 

«بۇ ژۇرنالنى ۋاقىتلىق توختىتىش، سۈرەتكە تارتىش داۋامىدىكى نەزەر دائىرەمنىڭ ئېنىقسىز تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، خۇددى ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمغا ئوخشاش. بۇ بىزنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، گەرچە بىرلا دەقىقە بولسىمۇ، جىمجىتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدۇ»

ئېرىكنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى ئۇنىڭ ئوخشىمىغان سەنئەت ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. 

ئۇنىڭ دادىسى خورۋات بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر سېتىش كەسپىدىن باشقا يەنە ئافرىقا ۋە يېڭى گىۋىنېيەنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلاشقا قەۋەتلا قىزىقىدۇ؛ ئانىسى شىمالىي ئېرىلاندىيەلىك بولۇپ، سۈت بېزى راكى ۋە بالىياتقۇ بوينى راكىنى ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شۇنداقلا رەسسام.

كىچىكىدىن باشلاپلا، ئاتا-ئانىسىنىڭ سەنئەت ۋە مۇزېينى كۆرۈپ چوڭ بولغان ئېرىك ھەرخىل رومانتىك ئىلھام مەنبەسىگە ئىگە. 

ئېرىك سانسىزلىغان مەدھىيە ۋە شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ ھەتتا فوربېس نەزىرىدىكى «30 ياشتىن تۆۋەن 30 قابىل»نىڭ بىرى، فوئام تالانت پىلانى قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان. گەرچە ئۇ ئۇزۇن مۇددەت كۆپلىگەن ماركا، ژۇرنال مودا سۈرىتىنى تارتقۇچىلار بىلەن ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنى مودا فوتوگرافى دەپ قارىماستىن، ئەكسچە كۆپ خىل مېدىيادىن پايدىلىنىپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سەنئەتكار دەپ قارايدۇ.

«كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سۈرئەتنى ئاستىلاتسام دەيمەن. بىز ئېلېكترونلۇق دەۋىردە ياشاۋاتىمىز، ئىلگىرىكى فوتوگرافلارنىڭ سۈرەتكە تارتىش ئۇسۇلىنى ئۆرنەك قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. چۈنكى قانداقلا قىلغىنىمىز بىلەن ئەينى يىللاردىكى شۇ كىشىلەردەك تېخىمۇ قالتىس ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمەيمىز. مېنىڭ ئوخشىمىغان مېدىيالاردىن پايدىلىنىپ بىر پارچە فوتو سۈرەت ئىجاد قىلىشىمغا كەم دېگەندە بەش ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتىدۇ».

باش سۈرەت تاللاش x
  • شىيىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن نۇرتورى غاقىزىقىمەن بۇنىڭ دىن كەلگەن
    ھەيقانداق ئىپادىلەيگە قىزىقىمەن

  • Tئۈمۈت1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنىڭ ئىچىدە بى پارچە سۆرەت ھەقىقەتەن بەكلا پەيزى تاتىلىپتۇ، خۇددىي داۋىنچىنىڭ ئەسىرىدەكلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号