باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
156مەستانە

ياپونىيەدىكى «دىسنېي باغچىسى» خارابىلىككە ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-10 22:35 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 10-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىشىلەر دائىم دىسنېي باغچىسىنى دۇنيا بويىچە كىشىگە ئەڭ كۆپ خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان جاي دەيدۇ. بىراق، ياپونىيەدىكى دىسنېي باغچىسىغا ئوخشىتىپ ياسالغان چوڭ باغچا كىشىگە خۇشاللىق ئەمەس، بەلكى قورقۇنچ ئاتا قىلىدۇ.

ياپونىيە نارا خىيالىي باغچىسى 1961-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسىي قۇرۇلۇشى ئامېرىكىدىكى دىسنېي باغچىسىغا ئوخشىتىلغان. بىراق، ئىلگىرىكى خىيالىي باغچا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئادەم ناھايىتى ئاز بارىدىغان، ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان خارابىلىككە ئايلىنىپ قالدى.

تاشلىنىپ قالغان تاغ پويىزى رېلىسىنى دەرەخ شېخى قاپلىغان. بۇنىڭدىن دەرەخلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان چاتىلىپ باقمىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

بۇ ئۆڭكۈرگە ئادەم كىرىپ باقمىغىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغاندەك قىلىدۇ.

يىراقتىكى خىيالىي شەھەر قەلئەسىگە بارىدىغان يوللارغىمۇ ئوت چىقىپ كەتكەن.

گۈزەل قەلئەنىڭ ئۆگزىسى بۇزۇلغان، ھەيكەلنىڭمۇ رەڭگى ئۆچكەن.

ئىلگىرىكى فونتان قۇرۇغان، پولات تۇرۇبىلار داتلاشقان.

ئىلگىرىكى شادلىق قاينىمى خارابلاشقان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号