باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

ئىۋانكا يولدىشىنىڭ كاستيۇمى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-11 19:30 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 10-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا 1-قىزى ئىۋانكا يولدىشى جارېد كۇشنېر بىلەن بىللە ۋاشىنگىتون رايونىدىكى ئۆيىدىن ئايرىلغان. ئىۋانكا تىرامپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىزمەت ئورنى ۋە ئائىلىدىكى ۋاقتىنى ناھايىتى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرغانىدى. گەرچە ۋاشىنگىتون رايونىنىڭ ھاۋاسى سوغۇق بولسىمۇ، ئەمما ئىۋانكا نېپىز كۆك كۆينەك كىيىپ قاملاشقان تۇرقىنى نامايان قىلغان.

ھەتتا ئىۋانكانىڭ پاچاقلىرىمۇ ئوچۇق بولۇپ، پاسونى ئادەتتىكىچە ئۆتۈك كىيىۋالغانىدى. 8-فېۋرال ئەتىگەندە 36 ياشلىق ئىۋانكا يولدىشى بىلەن بىللە خۇشال كەيپىياتتا ئىشقا ماڭدى.

ئىۋانكانىڭ بۇ كۆينىكىنى ئىتالىيەلىك ئالىي دەرىجىلىك لاھىيەلىگۈچى لاھىيەلەپ تىككەن بولۇپ، باھاسى تەخمىنەن 10 مىڭ يۈەن.

ئىۋانكا چېچىنىڭ ئۇچىنى ئازراقلا ئېگىپ قويۇۋەتكەن بولۇپ، مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرغان چاچلىرى تولىمۇ ئوماق كۆرۈنەتتى.

ئىۋانكا يەنە بىر قارا سومكا ئېلىۋالغانىدى. يالتىراپ تۇرغان ھالقىغا ماسلاشتۇرۇلغان كىيىمى ئۇنى تولىمۇ جەزبىدار قىلىۋەتتى.

ئىۋانكانىڭ سۇس گىرىمى ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ ياخشىلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

جارېد كۇشنېرمۇ ئوخشاشلا ئاق ساراينىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى، قارا كاستيۇمغا ماسلاشتۇرۇلغان ئاق كۆڭلىكى ئۇنى تېخىمۇ قامەتلىك قىلىۋەتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىسىل ياشا2 ئاي ئىلگىرى

    ئىسمىم يۇق بەك قىزىق زادى .

  • پەنەر3 ئاي ئىلگىرى

    ئىۋانكا خىنىم يارىشىملىق كىينىپ،يۈرۈشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغاندەك تۇرىدۇ.

  • ئىسىم يوق3 ئاي ئىلگىرى

    ما خوتۇننى ئامىركا تارىخىدكى تۈنجى ئايال زۇڭتۇڭ بوپ قېلىشى مومكىن دەۋاتقان ئەگەر شۇنداق بوپ قالسا يولدىشنى باشقىلا نىمە دەپ چاقىرا، زۇڭتۇڭنىڭ ئاياللىرىغۇ بىرنىچى خانىم بولدىكەن، زۇڭتۇڭنىڭ ئەرلىرى بىرنچى ئەپەندىم بولامدىغاندۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号