باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
156مەستانە

تىرامپ دادا-بالا ئاق ساراي ئالاقە مۇدىرى تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنى قوللىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-12 11:57 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى كۈچلۈك پاراكەندىچىلىككە يولۇققان. تاراتقۇلار زۇڭتۇڭ دونالد تىرامپنىڭ جىنسىي سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ئاقساراينىڭ ئالاقە مۇدىرى خوپ خىكسنىڭ (Hope Hicks) يىگىتى روب پورتېرنىڭ (Rob Porter) ئائىلە زوراۋانلىقى قىلىش خاھىشى بارلىقى خەۋەر قىلىندى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭ تىرامپ خىكسنى ماختاپ تالانتلىق، مۇنەۋۋۇر ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىۋانكا تىرامپمۇ ئۇنىڭغا بولۇشۇپ ئەڭ قابىلىيەتلىك رەھبەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى» تور بېكىتىدە خىكسنىڭ يىگىتى روب پورتېرنىڭ ئىككى سابىق ئايالىنى خارلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن خىكس خىزمىتىنى بۇرۇنقىدەك داۋاملاشتۇرۇۋەردى. 9-فېۋرال زۇڭتۇڭ تىرامپ، ئامېرىكا 1-قىزى ئىۋانكا ۋە ئاقساراينىڭ مالىيە مىنىستىرى سىتېۋېن قاتارلىقلارمۇ خىكسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

9-فېۋرال ئەتىگەندە خىكس ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىغا كېتىۋاتقاندا چىرايى كەسكىن تۈس ئالدى، كەيپىياتى تۆۋەندەك كۆرۈنەتتى.

خىكسنىڭ كاستيۇمىغا ماسلاشتۇرۇلغان ئۆتۈكى، ئاددىي، سالاپەتلىك كىيىنىشى ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.

9-فېۋرال ئىۋانكا خىكس ئۈچۈن: «ئەڭ مۇھىمى زۇڭتۇڭ تىرامپ ئۇنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ، بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ بەك مۇنەۋۋەر، بارلىق گۈزەل نەرسىلەرگە ئېرىششكە ھەقلىق» دېدى.

9-فېۋرال تىرامپ ئاقساراينىڭ ياردەمچىسى روب پورتېرنى ئاقلىدى، 10-فېۋرال ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە مۇناسىۋەتلىك يازما ئېلان قىلدى. تىرامپ يازمىسىدا: «تۇرمۇشتا ھەرخىل كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ تۇرىمىز. بۇلارنىڭ بەزىسى راست، بەزىسى يالغان. بىراق، بۇنداق قىلماسلىق كېرەك» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号