باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
156مەستانە

چىكاگو قار-شىۋىرغان تەسىرىدە ئاپئاق قار بىلەن قاپلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-12 13:23 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 10-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمى قار-شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چىكاگو رايونى ئاپئاق قار بىلەن قاپلاندى، شەھەر مەركىزىدە يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 23 سانتىمېتىرغا يەتتى، قار-شىۋىرغان سەۋەبىدىن ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم قازا قىلدى، خېلى كۆپ نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، مەكتەپلەردە دەرس توختىدى.

9-فېۋرال دېترويت ۋە چىكاگو شەھىرىدە يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 23 سانتىمېتىرغا يەتتى، ئىككى شەھەردىكى ئايرودروملاردىن 1500 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، 1000 نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلدى.

چىكاگونىڭ يوللىرى مۇز تۇتۇپ كۆپ قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى. مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىكىلەر قار-شىۋىرغاننىڭ شەرققە يۆتكىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چىكاگو شەھىرى باشلىقى بۇ قېتىم بىر نەچچە يىلدا ئاز ئۇچرايدىغان قاتتىق قار ياغقانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا ئاز چىقىپ زۆرۈر بولمىغان يارىلىنىشلاردىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号