باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

نامەلۇم كېسەل بولۇپ قالغان چىلىلىق قىز ئازابلانماي ئۆلۈشنى تەلەپ قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-12 16:06 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 10-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چىلىلىق 19 ياشلىق قىز پائۇلا دىئاز (Paula Diaz) بەختكە قارشى بىر نامەلۇم كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، سالامەتلىكى تۇيۇقسىز ناچارلىشىپ كەتتى ھەم ئاخىرىدا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. يېقىندا ئەمدىلا 10 نەچچە ياشقا كىرگەن بۇ قىز ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان بىر ئىلتىماسىنى ئېيتتى، چىلى زۇڭتۇڭى مىچېل باچېلېتنىڭ ئۆزىنىڭ ئازابلانماي ئۆلۈشىگە رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى ئۇ كېسەل ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتاتتى.

پائۇلانىڭ مائۇرېر رايونى تالكا بازىرىدا تۇرىدىغان ئائىلە ئەزالىرى پائۇلانىڭ ئارزۇسىنى تورغا چىقاردى. پائۇلا ئېكرانغا قاراپ تۇرۇپ: «زۇڭتۇڭ بىلەن بىر كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق، ئەمدى ساقلىيالمايمەن. مېنىڭ جىمجىتلا كەتكۈم بار» دېدى. ئۇ يەنە ئۇخلاشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى، كېچە-كۈندۈز بىئارام بولىدىغانلىقىنى، يەنە تېخى نۇرغا زىيادە سەزگۈر ئىكەنلىكى ھەم بەدىنى كۆيۈۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پائۇلانىڭ ئاچىسى  پائۇلانىڭ سالامەتلىكى 2013-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ تۇيۇقسىز ناچارلاشقانلىقىنى، بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى مۇتەخەسسىسلەرمۇ چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى ئېيتتى. دەسلەپتە پائۇلا ئىختىيارسىز بەزى ھەرىكەتلەرنى قىلدى، پېيى تارتىشتى، ئارقىدىن، قول-پۇتلىرى سېزىمىنى يوقاتتى. ئائىلىسىدىدىكىلەر نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنى ئىزدىگەن داۋالاش مەركەزلىرىگە بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئېنىق دىياگنوز قويالمىدى. بىر مۇتەخەسسىس پائۇلانىڭ ئانىسىغا بۇ كېسەلنى 2013-يىلى 8-ئايدا سېلىنغان ئىككى قېتىملىق ۋاكسىنا كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号