باش بەت

ئىرپان

2766يوللانما
400مەستانە

شەرق شامىلى فېڭشىڭ SX6 ئاپتوموبىلىنىڭ يېڭى كۆپەيتىلگەن تىپى بازارغا سېلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-12 16:30 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 11-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شەرق شامىلى فېڭشىڭ ئورگان تەرەپتىن ئىگىلىنىشچە، شەرق شامىلى فېڭشىڭ SX6 ئاپتوموبىلىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 2.0L+5MT ھەرىكەت كۈچى مۇجەسسىمىدىكى يېڭى تىپى بازارغا سېلىنغان بولۇپ، يېتەكچى باھاسى 82 مىڭ 900 يۈەن ئىكەن.

يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2.0Lلىق قول خوتلۇق ھەشەمەت نۇسخىسىنىڭ 1.6Lلىق قول خوتلۇق ھەشەمەت نۇسخىسى بىلەن ئاساسلىق پەرقى 2.0Lلىق ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان ماتور ۋە بەش خوتلۇق قول خوتلۇق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچلۈك ھەرىكەت مۇجەسسىمى ئالماشتۇرۇلغان، 2.0Lلىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 147 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 200 نيۇتون مېتىر.

سەپلىمە جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىل 1.6Lلىق تىپىغا سېلىشتۇرغاندا سۈرئەت بەلگىلەپ يۈرۈشنى بىكار قىلغان، ئەمما باشقا سەپلىمىلىرى بىردەكلىكنى ساقلاپ قالغان، ئارقا رەت مۇستەقىل ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى قىزدۇرۇش، كۈندۈزلۈك چىراغ، ئوتتۇرا كونترول چوڭ ئېكران، ئاپتوموبىل كۆك چىشى، يانفون تورىغا ئۇلاش، ئارقىغا ياندۇرۇش رادارى، تەسۋىرى قاتارلىقلار بار.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号