باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

413يوللانما
10مەستانە

ئامېرىكىلىق ئىستۇدېنت ياتاقتا يېتىشنى خالىماي، ئۆزى كىچىك كەپە ئۆي ياسىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-12 18:20 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش خىراجىتى ئۆرلەپ كەتكەچكە، ئوقۇغۇچىلار ھازىر بەزى ئىجادىي ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇش پۇلىنى تېجەش توغرىسىدا ئويلانماقتا. فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر ئىستۇدېنت برادلېي ئۆزى ياسىغان كۆچمە ياغاچ ئۆي ئارقىلىق چىقىمنى ئازايتقان. بىراق، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى پۇل تېجەش ئۈچۈنلا ئەمەس ئىكەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ياتاق تۇرمۇشىنى ياخشى كۆرمەيدىكەن.

ئۇنىڭ بۇ كىچىك ياغاچ ئۆيى ئورمانلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۆينىڭ يېنىدا يەنە بىر كىچىك ئېرىق بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بۇ كەپە ئۆيىنىڭ بوشلۇقى ئىنتايىن راھەت بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ تۇرۇشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن. ئۇ: «تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندە، مەن ئۆي ئىجارىگە ئالغان، بىر يىللىق ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرغان، ئەمما ئۇنداق تۇرمۇش ماڭا ماس كەلمەيدىكەن، شۇڭا بۇنداق قىلىپ بىر قىسىم پۇللارنى تېجەپ قالدىم.» دېدى.

ئۇنىڭ نىشانى بىر ھەرىكەتچان كىچىك ياغاچ ئۆي ياساش بولغاچقا، شۇڭا ئۇ ئاۋۋال بىر كونا پىرىتسىپ سېتىۋالغان، ئاندىن يەنە ماتېريال سېتىۋالغان. نەرسە كېرەك سېتىۋىلىشتىن تارتىپ قۇرۇلۇش قىلىشقىچە ھەممىنى پۈتۈنلەي برادلېي ئۆزى بىر قوللۇق قىلغان.

ئۇنىڭ بۇ كىچىك ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت بەك ياخشى، گۈل – گىياھلارمۇ، سۇمۇ بار.

سىرتىدىن قارىماققا ناھايىتى كىچىكتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىچىگە كىرىپ قارىسا خېلى كەڭ بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ تۇرۇشىغا تازا باب كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي كىچىك بولسىمۇ، ھەممە ئەسلىھەلەر تولۇق بولۇپ، ئۆي ئىچىكى ئورۇنلاشتۇرىشىدىن قارىغاندا، ئاشخانا، ھاجەتخانا، ياتاق ئۆي، شىرە، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كىرىسلو قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، برادلېي بۇ كىچىك ئۆينى ياساشقا جەمئى 15 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلىگەن، گەرچە خېلى كۆپ پۇل كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئەرزىگۈدەك ئىش بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ياتاقتا ياتقاندىن ئەرزان چۈشىدىكەن، ئامېرىكىدا ئوقۇپ باققان ياكى ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرستېتلارنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدا ياتاق ھەققىنىڭ ئىنتايىن قىممەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئادەتتە، ئۇ بۇ ئۆيدە ئۆزى يالغۇز تۇرغاندىن باشقا، پات-پات دوستلىرىنى ئۆيىگە يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، گەرچە ئۆينىڭ ئىچى قىستاڭچىلىق بولۇپ كەتسىمۇ، ئەمما ئۆينىڭ سىرتى ئىنتايىن كەڭرى بولغاچقا، سرتقا بىر قانچە شىرە قويسىلا، يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان ياخشى جايغا ئايلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • دەۋران811 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىچىملىك سۇنى قانداق ئەكىلە، كىرەكسىز سۇ ھاجەتخانىدىكىنى قانداق بىر تەرەپ قىلا دەپ قالدىم مەن، يەنە قەش ۋاقتىدىكى ئىسىنىش مەسىلىسىچۇ؟

  • 阿布地力木1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك چىرايلىق بولۇپ قاپتۇ

  • ئمن مەمەت1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياغاچ ئوي بىلەن باش كۇتۇرۇپ چىق بۇرادەر

  • كەچۇر ۋيتىڭلار1 ھەپتە ئىلگىرى

    ماڭا ياردي چىرايلىق چىقىپ تۇ

  • ئەمىروف1 ھەپتە ئىلگىرى

    ماۋۇ قىزچاققا ھەقىقەتەن قول قويدۇم ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلىپتۇ

  • your1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي ۋۇي نىمانچە پەيزى..... مىنىڭ ئوغۇل دوستۇم بولۇپ قالسىچۇ بۇ ئىقتىدارلىق يىگىت....

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号