باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

413يوللانما
10مەستانە

ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگەن گىرىپتار بولغان قىز بوۋاق تۇغۇلۇشى بىلەنلا پۇت سۆڭىكى سۇنۇپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-12 19:30 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىق بىر قىز بوۋاق يېڭى تۇغۇلغاندىلا پۇت سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن، دوختۇرلار سۇنغان سۆڭەك مەڭگۈ ئەسلىگە كەلمەيدۇ، بۇ بىر خىل ئاز كۆرۈلىدىغان ئېرسىي كېسەللىك دېگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قاتراپ، ئۆزىگە ياردەم قىلىدىغان دوختۇرلارنى ئىزدىگەن.

2016-يىلى 12-ئايدا لاۋرېنت قوشكېزەك يەڭگىگەن، ئوغلى جېكسون ئىنتايىن ساغلام تۇغۇلغان، ئەمما لاۋرېنت يەڭگىگەندە قىزى ئېفرىننىڭ پۇت سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن. دىئاگنوز قويۇش ئارقىلىق دوختۇرلار ئېفرىن پاقالچاق سۆڭەك يالغان بوغۇم كېسىلى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاز كۆرۈلىدىغان ئېرسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ئۆزلىكىدىن ساقايمايدىغانلىقىنى، بىردىنبىر ئامالنىڭ پۇتىنى كېسىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ كېسىلى نېرۋا تالا ئۆسمىسى كېسىلى (NF1) دەپ ئاتىلىدىغان يۇشۇرۇن ئېرسىي كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ كېسەللىك ئۆسمىنىڭ پۈتۈن بەدەندە ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئېفرىن پاقالچاق سۆڭەك يالغان بوغۇم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، «يالغان بوغۇم» دەپ ئېنىقلىما بىرىلگەن.

بالىنىڭ دادىسى ئېللىن ئۆزى ۋە ئايالىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق كېسەللىكنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار قىزىنىڭ پۇتىنىڭ مەڭگۈ ساقايمايدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نيۇيوركتىكى ئەڭ ياخشى شەكىل تۈزەش تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنى ئىزدىگەن، قىسقۇچ تاختا، گىپىس ۋە تىرەك جاھازا ئارقىلىق ئېفرىننىڭ پۇتىنى تىرەپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان.

گەرچە ئېفرىن ئارام ئالغاندا ئاغرىقنى ھېس قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما 4 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ناچارلىشىپ كەتكەن. ئېفرىن 13 ئايلىق بولغاندا، سۇنغان سۆڭەك ئۇنىڭ بەدىنىنى يېمىرىشكە باشلىغان، بۇ ئۇنىڭ تۈزلەش ئوپېراتسىيىسى قىلىش ياكى پۇتىنى كېسىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ پۇتىنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىگە قاتراپ، ئۆزىگە ياردەم قىلىدىغان دوختۇرلارنى ئىزدىگەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار فلورىدا ئىشتاتىدىن ئالىي دەرىجىلىك مۇتەخەسىستىن بىرنى تاپقان، فېيلى دوكتور ئۇلارنىڭ قىزىنىڭ كېسىلى كۆرۈشكە قوشۇلغان.

فېيلى دوكتور پۇت ئۇزارتىش ساھەسىنى تەتقىق قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە 100 خىلدىن ئاشىدىغان يېڭى سۆڭەك كېسەللىكلىرى ئوپېراتسىيەسى تەرتىۋىنى ئىجاد قىلغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئېفرىننىڭ تۇنجى ئوپېراتسىيەسى پەيشەنبە قىلىنىدىكەن، بۇ ئاساسى جەھەتتىن يېڭى «ئالاھىدە ئۇستىخان» ئوپېراتسىيىسى بولىدۇ. فېيلى دوكتور ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكىلەر يانپاش سۆڭەك ۋە داس سۆڭەكتىكى مەسىلىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى پاقالچاق سۆڭەك ۋە يان پاقالچاق سۆڭەك ياساپ چىقىپ، تاياقچە، بۇرما مىخ ۋە پۇلات تاختا ئارقىلىق مۇقىملايدۇ. ئۇلار يەنە كېسەللىك ئوچىقى بولغان ئۇستىخاننى كېسىپ ئېلىۋىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئېفرىننىڭ پۇتى يەنە بىر پۇتىدىن 10 سانتىمېتىر قىسقا بولۇپ قالىدۇ. تېخىمۇ ئوپېراتسىيە ۋە تەرتىپلىرى كېيىن ئىلىپ بىرىلىدۇ، ھەتتا پۇت قىسمىغا سىرتتىن ئىشلىتىدىغان تىرەك جاھازا ياكى سىرتتىن مۇقىملىنىدىغان قۇرۇلما ئىشلىتىلىدۇ.

بالىنىڭ دادىسى ئېللىن بۇ پەقەتلا پۈتۈن ئوپېراتسىيەنىڭ بىر قىسمى، «ئېفرىن تاكى ئون نەچچە ياش ياكى 20 نەچچە ياشقا كىرگۈچە نۇرغۇن ئوپېراتسىيەگە چۈشىدۇ.» دېدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە پەقەت ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالسىلا، ئېفرىن يول ماڭالايدىكەن.

ئەگەر ئۇنىڭ سۆڭىكى يەنە سۇنۇپ كەتسە، ساقىيىدىغان ياكى ساقايمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن، ئەمما ئېفرىننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ھەر قانداق تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە قاتناشتۇرمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، قىزىنىڭ كېسەل ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 我以为是你1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ قىز ىنتايىن ېچىنىشلىق بوپتۇ

  • خولوپ ئاش1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىچارە قىز ئۆزى بىلەن بىللە نەچچە تاغار كىسەلنى قوشۇپ تۇغۇلۇپتۇ ئاسانلىق بىرە

  • 0041481 ھەپتە ئىلگىرى

    بچارە بالا بكمۇ ئازاپفانەڭڭەەڭەەييۇ

  • Nihan _kemal فەھرىيە1 ھەپتە ئىلگىرى

    شىپالىق بەرسۇن ، ئوماق قىز نېمىشقا بۇنداق غەلىتە كېسەل بوپ قالغانسىز، غەيرەت قىلىڭلار……

  • كاكتۇس1 ھەپتە ئىلگىرى

    كۈرۈپ مىنىڭ ىچىم بەك ىچىشىپ كەتتتى ،مىنىڭ قىزىمنىمۇ پۇتى تۇغۇلۇپلا دوختۇرلانىڭ ىھتىياتسىزلىقى تۈپەيلىدىن چىقىپ كەتكەن ،كىيىن ەكسىگە كەلگەندە ،ەپسۇس ،ۈلۈپ كەتتى ،ھىچكىم بۇ ىچ اغرىقنى تەسەۋۋۇر قىلامايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号