باش بەت

ئۈمىدجان

446يوللانما
1مەستانە

تاتا H5X ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-12 22:06 1 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 12-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ھىندىستان تاتا ئاپتوموبىل شىركىتى H5X ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ئاپتوموبىل ئىخچام تىپتىكى SUV ئاپتوموبىل تىپى دەپ بېكىتىلگەن، دىزېل ماتور سەپلىنىدۇ، كەلگۈسىدە جاگۇئار لەند روۋېر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىدۇ.

تاشقى قىياپەتتىن قارىغاندا يېڭى ئاپتوموبىلغا نىسبەتەن مەردانە لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان، ئىنتايىن خاسلاشقان بۆلەكلىك چوڭ چىراغ لايىھەسى قوللىنىلغان. 

يان تەرەپتىن قارىغاندا يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى نىسبەتەن ئېگىز،بەش شادىلىق چاق گەردىشىنىڭ خاسلىقى يېتەرلىك. يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە نىسبەتەن مودا لەيلىمە شەكىلدىكى تورۇس لايىھەسى قوللىنىلغان.

قۇيرۇق قىسىمىدىن قارىغاندا لايىھەسى ئىنتايىن ئىلغار بولۇپ، كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى قۇيرۇق چىراغ كۈچلۈڭ لايىھە تۇيغۇسىغا ئىگە، قۇيرۇق چىراغنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئويمان ياسىلىش تىپىمۇ يېڭى ئاپتوموبىلغا قەۋەت تۈسى ئاتا قىلغان.

ئىچكى بېزەك جەھەتتە ئوخشاشلا كۈچلۈك تېخنىكا تۇيغۇسىغا ئىگە، چوڭ رازمېرلىق سۇيۇق كىرىستال ئېكرانلىق ئۆلچەش سائىتى تاختىسىسىنى كېسىپ ئۆتكەن، ئاستى تەرەپ ھاۋا تەڭشىگۈچ كونترول رايونى بىلەن مېدىيا كونترول رايونىغا بىردەك چەكمە سۇيۇق كىرىستال ئېكرانلىق مەشغۇلات شەكلى قوللىنىلغان.

ئىگىلىنىشچە، ئورگان تەرەپ جاگۇئار لەند روۋېر بىلەن بىرلىكتە ئەڭ يېڭى قۇرۇلما تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە H5X تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تىپىغا قوللىنىلىدىكەن. 

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك، ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4575/1960/1686mm، ئوق ئارىلىقى 2740mm. ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا دىزېل ماتور سەپلەنگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قايدا سەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    سەل سەترەك تۇرىدۇ،،، بىر يەرلىرى بىر قانداق يا بۇنىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号