باش بەت

ئۈمىدجان

446يوللانما
1مەستانە

شەرق شامىلى خوندا 4-ئايدا ئەڭ يېڭى ئاپتوموبىل ئېلان قىلىدۇ

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 09:29 1 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 12-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا شەرق شامىلى خوندا ئورگان تەرەپتىن ئىگىلىنىشچە، 4-ئايدا ئېچىلىدىغان بېيجىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئەۇ يېڭى ئاپتوموبىل تىپىنى رەسىمىي ئېلان قىلىدىكەن. بىراق نۆۋەتتە كونكرېت ئاپتوموبىل ئۇچۇرى ئېلان قىلىنمىدى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ شەرق شامىلى خوندا قارمىقىدىكى ئەڭ يېڭى ساپ توكلۇق SUV ئاپتوموبىل تىپى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

خوندانىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدا، خوندا تېخنىكا تەتقىقات سانائەت (جۇڭگو) شىركىتى 2018-يىلى ئېلېكتر ماتورلاشقان دەۋرنى باشلايدىغانلىقىنى، بۇ يىل دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ساپ توكلۇق SUV تىپىنى رەسىمىي ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.  

شەرق شامىلى خوندا XR-V


ئورگان تەرەپنىڭ پىلانىدا بۇ ئاپتوموبىل كىچىك تىپتىكى SUV (خوندا سىستېمىسىدا ئىخچام تىپلىقى ئەمەلىيەتتە كىچىك تىپلىقى)، شۇڭا خوندا XR-V ئاساسىدا ياسالغان ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تىپى بولۇشى مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 189******555 كۈن ئىلگىرى

    ناھايىتى ياخشى خەۋەركەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号