باش بەت

زىيارەت

1666يوللانما
18مەستانە

ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا كۇلۇبلار رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 10:50 63 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2-ئاينىڭ 12-كۈنى، نوپۇزلۇق پۇتبول سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى clubworldranking ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا كۇلۇبلار رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىمقى رەت تەرتىپكە سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقى 10 ئىچىدىكى كۇلۇبلارنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش خېلى چوڭ بولغان بولۇپ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئۈچ كۈچلۈك كوماندا رەت تەرتىپنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئورنىنى ئىگىلىگەن.

تىزىملىكتە ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرغان كۇلۇبلار بولسا: خانلىق مادرىد، بارسېلونا، مادرىد ئاتلېتىكا، گىرېمىيو، بايرېن مىيۇنخېن، يۇۋېنتۇس، مانچېستېر بىرلەشمىسى، دەريا قىنى، سېۋىللا، مانچېستېر شەھىرى.

تىزىملىكتىكى 11- ئورۇندىن 20-ئورۇنغىچە بولغان كۇلۇبلار ئىچىدە يېرىمى دېگۈدەك جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلگەن كۇلۇبلار بولۇپ، 11-ئورۇندىن 13-ئورۇنغىچە بولغان كۇلۇبلار فىلامېنگو، ئارگېنتىنا مۇستەقىل، سان لورېنزو كۇلۇبى، ئۇنىڭدىن باشقا 16-ئورۇن بىلەن 18-ئورۇنغا تىزىلغان سانتوس كۇلۇبى بىلەن بوتافوگو كۇلۇبلىرى بار، ئۇنىڭدىن باشقا پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى 14-ئورۇنغا تىزىلغان، توتېنھام كۇلۇبى 15-ئورۇنغا تىزىلغان، ناپولى كۇلۇبى 17-ئورۇنغا تىزىلغان، ۋىللارېئال كۇلۇبى بىلەن رىم كۇلۇبى 19-ۋە 20-ئورۇنغا تىزىلغان.

يۇقارقىلاردىن باشقا چېلسى كۇلۇبى 25-ئورۇنغا تىزىلغان، لىۋېرپول كۇلۇبى 27-ئورۇنغا تىزىلغان، دورتموند كۇلۇبى 35-ئورۇنغا، ئارسېنال كۇلۇبى 37-ئورۇنغا تىزىلغان، AC مىلان كۇلۇبى 48-ئورۇنغا تىزىلغان، خەلقئارا مىلان كۇلۇبى 104-ئورۇنغا تىزىلغان.

جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى كۇلۇبلىرى تەرەپتىن بولسا: شاڭخەي شاڭگاڭ كۇلۇبى 56-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە سەركىلىك ئورۇنغا تىزىلغان، گۇاڭجۇ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسى دۇنيا بويىچە 131-ئورۇنغا تىزىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 中国足球队加油6 كۈن ئىلگىرى

    مەن ياقتۇرىدىغان كوماندىلار
    خانلىق مادرىد
    بارسېلونا
    مانچېستېر بىرلەشمىسى
    چېلسى
    ئا س مىلان
    بەيرېن مىيۇنخېن
    باشقىلىرىغا ئانچە قىزىقىپمۇ كەتمەيمەن ، لىكىن بەزى كوماندىلاردىكى بەزى توپچىلارغا قىزىقىمەن مەسىلەن نېيمار ، سالاھ ، بۇففۇن قاتارلىق

  • «@دەرۋىش@»6 كۈن ئىلگىرى

    بۇنى راستىنلا مىڭىسدىن چاتاق چىققن خاڭماچىدىن بىرسى تىزىپتۇ………

  • ☜0908☞6 كۈن ئىلگىرى

    يوۋ تاس تاس قاپسىلە يەنە كونا سەنەمگە دەسسگىلى، ھە دەپ قويساڭلا بولدىغۇ مادىرد بىرنجى بوپ قالغانغا مادىرد مەستانىلىرگە پۇل تاقاتمايدۇ باسا بىرنچى بولسا باسا مەستانىلىرگە پۇل تاقاتمايدۇ شۇڭا نىمە قىلىسە دەيمەن تالشىپ ئۆزەڭلار ئامىراق كوماندىغا مەدەت بەسەڭلا بوممىدىمۇ

  • ئەزەل6 كۈن ئىلگىرى

    راس ماۋۇ سەل كۈلكىلىك بۇلۇپ قاپتۇ ،
    باشقىسىنى قۇيۇپ تۇرۇپ ، شاھلىق لوڭقىسىدىن شاللانغان ، بىرلەشمىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۋاتقان ، ئۇزغۇنلۇقتىن خوشلۇشۇپ ئىتپاق لوڭقىسى ئويناۋاتقان ئاتلىتكا ئۈچۈنچى ،
    ئېنگىلات بىرلەشمىسنىڭ سەركىسى، ئېنگىلات لوڭقىسىدا ھەل قىلغۇچقا كىرگەن . ئۇزغۇنلۇقتىكى قىزىق نوقتا بۇلۇپ سانىلۋاتقان مانچىسىر شەھىرى ئونىنچى ،
    مىنىڭچە ئۈچ شاھلىققا يۈرۈش قىلۋاتقان ، بارسلونا ، بايرىن ، مانچىستىر شەھىرى ، پارىژ ، يۇۋىنتىسلار ، چۇقۇم ئىككى مادىرتىنىڭ ئوتتۇرىغا تىزىلىشى كېرەك ،

  • ئەلشىر6 كۈن ئىلگىرى

    پەقەت چۈشەنمېدىمغۇ بۇ تېزىشنى نەدېكى ئىتتىپاق لوڭقىسى ئوينايدېغانلىنى ئۇزغونلۇق ئوينايدېغانلىنىڭ ئالدېدا تېزىپ قويغېنى پەقەت بولماپتۇ. بىرىنجى ئىكىنجىسىگە باشقا پىكرىم يوق. دۇنيا مۇتلەق بىرىنجى دەيدېغان ئىش بولمېغانغا ئوخشاش.

  • توۋا6 كۈن ئىلگىرى

    نۇر تورىنىڭ بىرى تەھرىرلىرى ئۇخلاپ چۇشىدە پۇتبۇل كۇلۇپلىرنىڭ مۇشۇنداق تىزىلىپ چۇش كورگەن بولسا،كورگەن چۇشىنى ئەينەن يىزىپ يوللىدىمۇ،،،ياكى نۇر تورىدا بىر نەچچە كۇن بولدى چىرايلىق ئىنكاسلارنى كورۇپ ،پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى ھەم كۇلۇپ مەستانلىرنى سىناپ بىقىش نەزىردە يوللىدىمۇ يەنە تۇكرۇك ئۇرشى قىلامدۇ قىلمامدۇ دەپ،،

  • ئارسېنال6 كۈن ئىلگىرى

    ئارسىنال………؟37- قايسى گاچا تىزغان نىمە بو ھەي،بىزنىڭ ئارسىنال ئونددق بوش كوماندا ئەمەس

  • Abdusalam516 كۈن ئىلگىرى

    ئەسلى
    1.بارسا
    2.مادرىد
    3.مانچىستېر شەھەر
    قالغانلىرى ئوخشاش سەۋيە

  • capitan6 كۈن ئىلگىرى

    تۇلپار CR7 ئىسىل ئىسىل ، پىكىرىڭنى قوللايمەن !

  • capitan6 كۈن ئىلگىرى

    leo 10 قاتارلىق بىرقانچىسىدىن باشقىلار بۇ تەرتىپكە قايىل بولغاندەك قىلىدۇ ، بۇنداق كوماندىلارنىڭ سان سىفىر ، مەلۇماتلىرىنى بوتكىغا ئەكىرىپ ھاراقكەشكە تىزغۇزمايدۇ ، داڭلىق ئورگانلار تىزىدىغان گەپ ئىسپات توپلامىش تىخى ، ئەرەز قىساڭ تۈكى تەۋرىمەيدۇ ئۇلارنىڭ .
    بۇ خەۋەرنى zhiboba دا ئەمەس 懂球帝 تورىدا تۈنۈگۈنلا تاقىتىپ بولغان ، نۇر تورىغا بۈگۈن يوللاپتۇ .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号