باش بەت

durdana

1806يوللانما
119مەستانە

جەمەت ئارقا كۆرۈنۈشى ناھايىتى كۈچلۈك چولپانلاردىن كىملەر بار؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 11:45 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ۋاڭ فېينىڭ ئانىسى شيا گۈييىڭ سەنئەت ئۆمەكنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچىسى بولۇپ، 15 ياشتىن بۇرۇن ئانىسىنىڭ فامىلىسى بويىچە ئىسمىنى شيا لىنغا ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭ بوۋىسى ۋاڭ جاۋمىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا جۇڭگونىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى مەشھۇر زات بولۇپ، مىنگو ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قانۇن تۈزگۈچى ھەيئەت بولۇپ ئىشلىگەن.

شۈ شاۋشيوڭ، TVB نىڭ داڭلىق سەنئەتكارى، ئىلگىرى نۇرغۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنولارغا قاتناشقان. ئۇنىڭ جەمەتىمۇ داڭلىق، ئۇنىڭ چوڭ بوۋىسى شۈ يىڭكۈي سىشى تەيخۇنىڭ تۇتۇق ئوغلى بولۇپ، ئوردىدا بىرىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان، ئوردا ئىچىدە ئات مىنىپ يۈرەتتىكەن. ھاممىسى لۈ شۈننىڭ خانىمى شۈ گۇاڭپىڭ، دېمەك ئۇ لۇ شۈننىڭ جىيەنى. تاغىسى شۈ سوڭجى ئىلگىرى كاتتا قوماندان بولغان، يەنە بىر تاغىسى شۈ سوڭچىڭ گۇاڭجۇنىڭ ئىلگىرىكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ھەتتا شياڭگاڭلىق باي، لى جياشىننىڭ يولدىشى شۈ پۇشياڭمۇ شۈ شاۋشيوڭ بىلەن تۇغقان كېلىدۇ. دېمەك ئۇنىڭ ئەجدادى كۈچلۈك.

ليۇ رويىڭنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ليۇ يوڭياۋ قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇدىرى، گومىنداڭنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنىرالى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى»، گومىنداڭ مەركىزى باھالاش ھەيئىتى بولغان.

ليۇ يىفېينىڭ ئۆز دادىسى ئەن شاۋكاڭ ۋۇخەن ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئىلگىرى «پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى» نى تەرجىمە قىلغان، ھازىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە كاتىپى. ئۆگەي دادىسى چېن شاۋجىن بېيجىڭ توڭچەن مەبلەغچىلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگولۇق يۈز باي تىزىملىكىدە 27-ئورۇندا.

خۇاڭ شېڭيى، «گۇمپا» فىلىمىدە رول ئېلىپ داڭقى چىققان، ئۇنىڭ جەمەتىمۇ ئىلىم ۋە سەنئەت مۇھىتى قويۇق جەمەت. خۇاڭ شېڭيىنىڭ دادىسى ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىر پىروفېسسور، داڭلىق پىداگوگ خۇاڭ دەنپېيمۇ شۇلارنىڭ جەمەتىدىن، ئانىسى دېڭ خانىم نوپۇزلۇق ئەدەبىي مۇھەررىر، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى دېڭ جىشڭ «كەچلىك گېزىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى. ھاممىسىنىڭ ئوغلى داڭلىق ئىقتىسادشۇناس ۋۇ جىڭليەن شۇ.

ۋاڭ زۇشيەن، «بۇ يىل كۆل بويى بەك سوغۇق» فىلىمى بىلەن ئالتۇن ئات مۇكاپاتىدا ئۈچ تۈردە ئىسمى ئاتالغان. ئۇنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ۋاڭ رېنفېڭ ئىلگىرى سۈن جۇڭشەننىڭ ئىنقىلابىنى قوللاپ تەشكىلاتقا قاتناشقان، كېيىن پارتلاشتا سول بىلىكىدىن ئايرىلغان، كېيىن مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان.

گۇەن جىلىن «شياڭگاڭلىق بىرىنچى ساھىبجامال» دەپ نامى بار، ئىلگىرى «خۇاڭ فېيخوڭ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن داڭق چىقارغان. بوۋىسى گۈەن لىنجېڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان، گومىنداڭنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى بولغان. «18-سىنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇ نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقان، جياڭ جيېشى ئۇنى ماختاپ: «ئارمىيەدە ئەگەر ئۇنىڭغا ئوخشاش قەيسەر كىشىدىن 50 ى بولغان بولسا ياپون باسقۇنچىلىرىنى مەغلۇب قىلىش ھېچقانچە ئىش ئەمەس» دېگەن. 1949-يىلى گۇەن لىنجېڭ شياڭگاڭغا كۆچۈپ بارغان، جياڭ جيېشى، جياڭ جىڭگو ئۇنى كۆپ قېتىم تەيۋەنگە كېلىپ ئەمەلدار بولۇشقا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ رەت قىلغان.

مو ۋېنۋېينىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى مو لىشى شياڭگاڭ ئەنگلىيە خان جەمەتى بىلىم يۇرتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولغان، ئۇ كىشى يەنە داڭلىق ساخاۋەتچى.

چيۇ شۇجېننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدىن «لۇدىڭ خاتىرىسى» قاتارلىقلار بار، يولدىشى شېن جياۋېي شياڭگاڭ I.T كىيىم-كېچەك گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى.

ۋېن بىشيانىڭ يولدىشى خې زۇگۇاڭ سولومېن ئاكا-ئۇكىلار شياڭگاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى مەبلەغچىلىك بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرى.

فېڭ گوڭنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى فېڭ گوجاڭ (1859-1919) مىلىتارىستلار قوشۇنىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان، 1917-يىلى زۇڭتۇڭنىڭ ۋەكىلى بولغان.

يەن چېڭچىڭنىڭ يۇرتى يۈننەن مۇجىياڭدىن بولۇپ، كېيىن تەيۋەنگە كەلگەن. يۈننەننىڭ داڭلىق جوڭجيۇيۈەن ماركىلىق تاماكىسىنى ئۇنىڭ بوۋىسى يەن ئېنشى بەرپا قىلغان. ئۇ يۈننەندىكى تۇنجى تاماكا زاۋۇتىنى قۇرغان كىشى.

ۋۇ زۈننىڭ جەمەتى ئىنتايىن باي، ئۇنىڭ بوۋىسى ئالدىنقى ئەسىردە تەيۋەندىن برۇنىيغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردە يىلتىز تارتىپ بەش بالىلىق بولغان. ۋۇ زۈننىڭ دادىسى ئىككىنچى ئوغۇل بولۇپ، ئۇلار برۇنىيدا ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا جۇڭگو ۋە برۇنىي ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تىجارەت قىلغان. ئېيتىلىشىچە ۋۇ زۈننىڭ تاغىسى ۋۇ جىڭجىن بىرۇنىيدىكى 10 چوڭ باينىڭ بىرى ئىكەن، شۇنداقلا ئۇ «بىرۇنىي ۋاقىت گېزىتى» نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号