باش بەت

سەپەرجان

3544يوللانما
712مەستانە

مېسسى: رونالدو بىلەن دوست بولالايمەنمۇ-يوق بۇنى بىلمەيمەن

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 11:58 53 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بارسېلونا چولپىنى مېسسى يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو توغرىسىدا توختالدى.

«مەن كەلگۈسىدە رونالدو بىلەن دوست بولالايمەنمۇ ياكى بولالمايمەنمۇ بۇنى بىلمەيمەن، چۈنكى ھەقىقىي دوستلۇق بىر-بىرىنى چۈشىنىش ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.»

«ئىككىمىزنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتى يوق، چۈنكى ئىككىمىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پەقەت مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىملىرىدا ئۇچرىشىپ قالىمىز، ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشتىكى ئورتاقلىقىمىزمۇ ناھايىتى ئاز.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • lost5 كۈن ئىلگىرى

    مۇشۇ ئىككىسىنى بىر كۇلۇبىقا ئەكەپ قويسا پۇتبول دۇنياسىدىن بوران چىقىرۋىتە ھە باللا،

  • ھايات 5206 كۈن ئىلگىرى

    شۇئى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىز 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى (يەنى خانلىق مادىرىدنى:5:2 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى قىرغىن قىلىپ رونالدو قالپاق ئويۇنى ئوينىغاندىن بۇيان ) نۇر توردىكى ئىنكاسچىلار ئالامەت ئىلمىيلاشتى ، ھەم بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئىلمىيلاشقۇسى !

  • شۇ شۇ6 كۈن ئىلگىرى

    مۇشۇ ئىككىسى بىر كۇلۇپتا توپ تەپكەن بولسا ، بەك پەيزى بولىتى .....

  • بارسىلونا پىك6 كۈن ئىلگىرى

    تەھىرىر قاچانىقى خەۋەر بۇ بىرە يىل بۇرۇنقى گەپقۇ بۇ

  • muzart6 كۈن ئىلگىرى

    ھەر ئىككىسى ئالدىراش ، دوس بولغىدەك، بىرگە تاماق يەپ بىللە ئوينىغىدەك ۋاختى يوق، ئۈزئارا ھۆرمەتلىشىپ ئۆتسە بولدى

  • ئۆركەش ئۆمەر ساتار6 كۈن ئىلگىرى

    مانا ئۇنى دەپ بۇنى دەپ قاخشاپ يۈرۈپ ئاخىرى ئەخلاقسىزلىقمۇ ئارىمىزدىن يۈتكىلى تۇردى، مانا ساپا دىگەن، ياشاپ كىتىڭلار قېرىنداشلىرىم. مۇشۇنداق ئىسسىل ئۆتەيلى،

  • sarboland6 كۈن ئىلگىرى

    باسا ئاغزىدىن مۇ ياخشى گەپ چىقىدىكەن ھە يۇۋىنتۇس بۇفۇننىڭ مەستانىسى

  • ئەلفا6 كۈن ئىلگىرى

    ئەمما مىنىڭ ئارزۇيۇم شۇكى پۇتبول دۇنياسىدا ئىككى گىگانتنىڭ ئون يىل رىقابەت ۋە بىر بىرىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يىتىشىپ ئالتۇن توپنى مونوپول قىلىپ يېڭى تارىخ ياراتتى ، ئەلۋەتتە بۇندىنكىيىن بۇنداق بۇلۇشىدىن بولماسلىقى كۆپرەك مومكىن ، شۇڭا بۇلار كەلگۈسىدە بىر نۇرداش ئېيتقاندەك كۆرۈش سۇپىسىدا بىللە ئولتۇرۇپ ئىسپانىيە دىربىسىنى كۆرگەچ بىز مەستانىلەرگە يانا بىر نادىر مىنۇت ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ،

  • ئەلفا6 كۈن ئىلگىرى

    ئۇلارنىڭ دوست بۇلۇش بولماسلىقى ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىشى ، پۇتبول دۇنياسىدىكى ئىككى گىگانت چوقۇم دۈشمەن ياكى دوست بۇلىشى كېرەكمۇ ؟ئۇلار دەرۋەقە رىقابەتچى ، ئۇلارنىڭ رىقابىتىدىن بىز نادىر مۇسابىقىدىن ھۇزۇر ئېلىپ تۇرماقتىمىز ، بىز مەستانىلەرگە شۇ يىتەرلىك .

  • capitan6 كۈن ئىلگىرى

    ئىسىل ھەي ئىسىل ، بارسىلونا ۋە مادىرىت مەستانىلىرىنىڭ ئىلمىي بولغان كۆز قاراشلىرىنى نۇر تورىغا يوللاپ ، ئەركىن ئازادە پىكىرلەشسەك ھەربىرىمىزگە ياخشىغۇ دەيمەن ، مەيلى مادىرىت ياكى بارسىلونا مۇسسابىقىدە ئۇتسۇن ۋە ياكى ئۇتتۇرسۇن ، قايسىلا كوماندىنىڭ مەستانىلىرى بولايلى ئىلمىي مۇنازىرلىشەيلى دوسلار ، توپ مەستانىسى بولغان ئىكەن قارشى تەرەپ توپچىلىرى ۋە مەستانىلىرىنىمۇ ئوخشاش ھۆرمەتلىشى كىرەك ، قارشى تەرەپ كوماندىسى مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرغاندا ئۇنى مازەك قىلىش ، مەستانىلەرنىڭ زىتىغا تىگىپ سىسىق پاراڭ قىلىپ بىقىش دىگەنلەر بىر لاياقەتلىك پۇتبول مەستانىسىنىڭ ئىششى ئەمەس .
    مىسسى بىلەن رونالدو دەۋىر سۈرىۋاتقىلى 10 يىلدىن ئاشتى ، بۇ جەرياندا بىزگە ئۇنتۇلغۇسىز مىنوتلارنى ئاتاقىلدى ، بۇنىڭدىن كىيىن بۇلار قانچە يىل توپ تىپەلەيدۇ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم شۇڭلاشقا ھازىرنى قەدىرلەپ نادىر مۇسابىقىلىرىدىن ھوزۇرلىنايلى .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号