باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە تۆۋەندىكىدەك ئالدامچىلىقلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 11:45 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

چاغان ھارپىسىدا كىشىلەر يۇرتىغا قايتىپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن ئالدىراپ يولغا چىقىشتى. بىراق، بۇ جەرياندا قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇپ ئالدامچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ لاھىيەلىگەن قىلتاقلىرىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. تۆۋەندە چاغان مەزگىلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئالدامچىلىقلار ۋە ئۇلاردىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى پايدىلىنىشىڭلارغا سۇنىمىز.

1. ساختا قىزىل بولاق ئالدامچىلىقى:

ئالدامچىلار بۇنىڭغا ئوخشاش قىزىل بولاقلارنى كۆڭۈل قويۇپ لاھىيەلەپ ئابونتلارنى ھەمبەھرلىتىش ئارقىلىق پايدا ئالىدۇ. بۇ قىزىل بولاقلار ھەتتا بېلىق تۇتۇش ئالدامچىلىقى يوشۇرۇنغان ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىزىل بولاقلارنى كۆرگەندە ساددىلىق بىلەن ئالدىراپ ئاچماسلىق كېرەك. ساختا قىزىل بولاقلارنى ئېچىپ ھەمبەھرلىگەندىن كېيىن تورداشلارنى بىئارام قىلغاندىن باشقا، يەنە ئۇقۇشماستىن شەخسىي ئۇچۇر ۋە ئۈندىداردا پۇل تۆلەش مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈۋېتىپ ھېسابات بىخەتەرلىكىڭىز تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى:

ھەمبەھرلەش، شەخسىي ئۇچۇر تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان، مەلۇم قىممەتكە يەتكەندە ئاندىن قىزىل بولاق ئالغىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن قىزىل بولاقلارنىڭ ھەممىسى ساختا. بۇ قىزىل بولاقلارنىڭ بىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىمىزنى ئوغرىلاپ كېتىش خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىمىزگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇنداق قىزىل بولاقلارنى ئۇقۇشماستىن ئېچىپ سالغاندا كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، يانفون نومۇرى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇلارنى تولدۇرۇشنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا بېلىق تۇتۇش تور بېكىتىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالىسىز.

بۇنداق «قىزىل بولاق»لارنى ئۇچراتقاندا كۆپچىلىك ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلسا تېڭشۈن شىركىتى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ناۋادا تورداشلار مەلۇم ساختا قىزىل بولاقنى پاش قىلغان بولسا ھەم ساختا قىزىل بولاق ئىكەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن باشقا ئابونتلار يەنە تورداشلىرىغا يوللىسا ئەۋەتىش مەغلۇب بولغانلىق ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ ھەم كۈلرەڭ خەتلىك سىستېما ئەسكەرتىشى چىقىدۇ.

2. ھەقسىز بۇيۇم تارقىتىش پائالىيىتى ئالدامچىلىقى:

ئالدامچىلار چاغاندا سودىگەرلەرنىڭ پائالىيەت قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ قىممەت باھالىق كۆرۈنىدىغان بىر قىسىم بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىشنى يەمچۈك قىلىدۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىۋالىدىغاندا قاتناشقۇچىلاردىن تېز يوللانما ھەققى بېرىش، ئۈندىدارىغا ئەگىشىۋېلىش، شەخسىي مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى:

«ھەقسىز بۇيۇم تارقىتىش» پائالىيەتلىرىنى ئۇچراتقاندا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ قىلتاققا چۈشۈپ كېتىشتىن، ئازغىنە پايدىنى كۆزلەپ پۇشايماندا قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، دوستلار چەمبىرىكىدە تارقىلىپ يۈرگەن قىممەت باھالىق بۇيۇم سوۋغا قىلىش ئۇچۇرلىرىغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىك، ھېچقانداق دەلىللەنمىگەن ئەھۋالدا «توپ ئۇچۇرى يوللاش ياردەمچىسى» ئىقتىدارىدا توپ ئۇچۇرى يوللاپ تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىشتىن ساقلىنىش، سوۋغا قىلىنغان بۇيۇم تېز يوللانما ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا پۇل تۆلەشكە ئالدىرىماي مالنى تەكشۈرۈش، ئەگەر سۈرەتتە كۆرگىنى بىلەن ئوخشاش بولمىسا قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش، بىۋاستە قايتۇرۇۋېتىش كېرەك.

3. ۋاكالىتەن سېتىش ئالدامچىلىقى:

بايراملىق لازىمەتلىك ۋە سوۋغا سېتىۋېلىش چاغاننىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر باسقۇچى. ئالدامچىلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇنتىزىم ئۈندىدار سودىگىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئېتىبار بېرىش، باھانى چۈشۈرۈش، چەتئەل ماللىرىنى ۋاكالىتەن سېتىش قاتارلىق يەمچۈكلەر ئارقىلىق پۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن «تاۋار تاموژنىدا تۇتۇپ قېلىندى، باجن كۆپەيتىپ تاپشۇرۇش كېرەككەن» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كىشىلەرنى ئالدايدۇ.

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى:

توردىن مال سېتىۋالغاندا ئازراق پايدىنى دەپ ئاۋۋال پۇل تۆلىۋەتمەسلىك، ئامال بار 3-تەرەپ مۇنتىزىم پۇل تۆلەش سۇپىسىدا پۇل تاپشۇرۇش، قارشى تەرەپنىڭ ساختا مال ساتىدىغانلىقى ياكى ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى بايقىغاندا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش ياكى ئۈندىداردا پاش قىلىش كېرەك.

4. ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش:

ئالدامچىلار ئادەتتە رەھبەر، خىزمەتداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى دوست-بۇرادەرلەرنىڭ باش سۈرىتى ياكى تور نامىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ھوشيارلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەرخىل ناملار بىلەن قەرز ئالىدۇ ياكى ياردەم قىلىپ پۇل يۆتكەپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ، كىشىلەرنىڭ يۈزى چۈشۈپ كېتىشدىن قورقۇش، رەت قىلىشنى خالىماسلىق پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ پۇللىرىنى ئالداپ كېتىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى:

1. ئۈندىداردا بىرسى پۇل يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش، ئەۋەتىلىدىغان پۇل، ھېسابات نومۇرى قاتارلىقلارنى تېلېفوندا سۆزلىشىپ دەلىللەپ ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش؛

2. شەخسىي ئۇچۇرلارنى ياخشى ساقلاش، خالىغانچە ئاشكارىلىماسلىق؛

3. مەيلى قانداق ۋاستە بىلەن تونۇشقان دوست بولسۇن «دوست تۇتۇشتا ئېھتىياتچان بولۇش» پىرىنسىپىنى ئەستە تۇتۇش، ناتونۇشلارغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىك.

5. تور قەرزى ئالدامچىلىقى:

ئالدامچىلار چاغاندا كۆپ پۇل خەجلىنىدىغانلىقىنى، قەرز ئالىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن توپ ئۇچۇرى تارقىتىش ئارقىلىق مەبلىغى قىس بولۇۋاتقانلارغا قەرز بېرىدىغانلىقىنى، ئايلىق ئۆسۈمى تۆۋەنلىكىنى، كېپىل كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنداق ئۇچۇرغا ئىشىنىپ قالغانلار قارشى تەرەپكە ئالدىن ئۆسۈم تۆلەش، زاكالەت پۇلى بېرىش بىلەن پۇللىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ.

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى:

مەيلى چاغان بولسۇن، مەيلى باشقا ۋاقىت بولسۇن پۇل ئارىيەتكە ئالغاندا چوقۇم ئۆزىنى چاغلاپ ئىش قىلىش، قەرزنىڭ ئۆسۈمى ۋە ئۆزىنىڭ قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ياخشى ئويلىشىش، قەرز سەۋەبلىك تۇرمۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلماسلىق لازىم. قەرز بېرىشتىن ئاۋۋال ھەق ئالغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچى. مۇنتىزىم قەرز بېرىش ئورۇنلىرى ئاۋۋال قەرز بېرىپ ئاندىن ھەق ئالىدۇ. باشقىلارغا ئاسان ئىشىنىپ كېتىپ قىلتاققا دەسسىۋالغاندا قەرز ئالالمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىر مۇنچە پۇل زىيان بولىدۇ.

6. قىز-يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىش ئالدامچىلىقى:

ھازىر كەسپتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بويتاقلار ئاز ئەمەس. ئالدامچىلار مۇشۇ نۇقتىدىن پايدىلىنىپ تورغا چاغاندا ئۆيگە ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان قىز دوست ياكى ئوغۇل دوست ئىجارىگە بېرىش ئۇچۇرى چىقىرىدۇ ھەم ھەرخىل ئەزالىق ھەققى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن پۇلنى ئېلىپ بولۇپلا قارشى تەرەپنى قازا تىزىملىككە ئەكىرىۋېتىدۇ.

توردىكى دوست ئىجارىگە بېرىش ئۇچۇرىغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىك، ئۆزىنىمۇ ئىجارىگە بەرمەسلىك كېرەك.

7. ئالدامچىلىق: ساختا ساياھەت كوپىراتىپى ئالدامچىلىقى:

چاغانلىق دەم ئېلىشتا خېلى كۆپ ئادەم ساياھەت قىلىپ كېلىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئالدامچىلار مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ توردا ئېتىبار باھالىق ساياھەت لىنىيەسى ئۇچۇرى چىقىرىپ كىشىلەرنى ئالدايدۇ ھەم ساختا ساياھەت توختامى بىلەن ھەرخىل پۇل تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى:

ساياھەتكە چىققاندا مۇنتىزىم ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش، تامغا ۋە تالونلارغا ياخشى قاراش، شەخسىي ۋاكالەتچىلەرگە ئالدىراپ ئىشىنىپ ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号