باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

12217يوللانما
1180مەستانە

كورېيەلىك 41 ياشلىق ئايال چولپان جۇڭگولۇق 23 ياشلىق تور چولپىنى بىلەن توي قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 12:41 2 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيەدىكى 41 ياشلىق ئايال چولپان سام سوۋون كورېيە خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسى بىلەن كۆپچىلىككە تونۇلغان بولۇپ، سەنئەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقى خۇسۇسىي تۇرمۇشىدەك قالتىس ئەمەس. ئۇ يېقىندا دۆلىتىمىزگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، بايۋەتچە جاڭ ۋېي بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن بايلىقى ۋە مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىنى كۆز-كۆز قىلىش بىلەن ئاۋارە ئۆتكەن. ئارقىدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە «ئايرىلىش سوۋغىتى» سۈپىتىدە 110 مىليونلۇق ھەشەمەتلىك تۇرالغۇغا ئېرىشكەن. بىراق ئۇ «جىم يۈرۈش»نى خالىماي دەرھال ئۆزىدىن 18 ياش كىچىك تور چولپىنى چېن خۇا بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، 12-فېۋرال توي قىلغانلىق خەۋىرىنى جاكارلاپ، «ئانا-بالا» سۆيگۈسىنى ۋىسال تاپقۇزغان.

سام سوۋوننىڭ ئەڭ داڭقى چىققىنى يەنىلا يىراق-يېقىنغا پۇر كەتكەن جۇڭگولۇق بايۋەتچە جاڭ ۋېي بىلەن بولغان مۇھەببىتىدۇر. ئىككەيلەن تۆت يىل مۇھەببەتلىشىپ، ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن يىگىت تەرەپ قىممىتى تۆت مىليارد ۋونلۇق (تەخمىنەن 23 مىليونغا باراۋەر) ھەشەمەتلىك تۇرالغۇنى سوۋغا قىلغان. سوۋون بۇلتۇر ئاپرېلدا ئۆزىدىن 18 ياش كىچىك يەنى 1994-يىلى تۇغۇلغان تور چولپىنى چېن خۇا بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، يەتتە ئايدىن كېيىن نىكاھ تىزىمغا ئالدۇرغان.

سوۋون كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كىچىك لايىقى چېن خۇا بىلەن يېشىنىڭ بەكلا چوڭ پەرق قىلىدىغانلىقىنى، دەسلەپتە ئۆزىنىڭمۇ رەت قىلغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ سۆيگۈسىنىڭ قەلبىنى ئىللىتقانلىقىنى ئېيتقان. ئىككەيلەن كورېيە جېئوڭجىدو ھەمدە جۇڭگودا نىكاھ تىزىمغا ئالدۇرغان. ئۇلار ھازىر شېنجېندا تۇرىدىغان بولۇپ، توي مۇراسىمىنى ئىككى دۆلەتتە مۆلچەرىچە يازدا ئۆتكۈزدىكەن. 23 ياشلىق چېن خۇا خاربىندا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆيىدىكىلىرى دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ تور چولپىنى بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخى بايۋەتچە.

سوۋوننىڭ كورېيەدىكى بىردىنبىر ئېغىزغا چىققۇدەك نەتىجىسى بولسا، «色即是空» ناملىق كىنودا ئايال باش پېرسوناژنىڭ يېقىن دوستىنىڭ رولىنى ئالغان، كۆرۈنۈشى ئانچە كۆپ ئەمەس. ئارقىدىن ئۇ دۆلىتىمىزگە كېلىپ تەرەققىي قىلىپ، يەنە كەينىدىن كورېيەنىڭ ئۇنىۋېرسال پىروگىراممىسى «TAXI»دا نامايەن بولۇپ، ئۆزىنى جۇڭگودا خېلىلا ئالقىشقا ئېرىشكەن ئارتىس دەپ، ئۆز-ئۆزىنى ماختاپ: «مەن جۇڭگودا تولىمۇ بەختلىك ياشاۋاتىمەن، كورېيەدە تۇرغاندىكىن نەچچە مىڭ ھەسسە ئارتۇق، مەيلى قەيەرگىلا بارماي، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى چىرايلىق دەيدۇ، مەن بەكلا خۇشال بولىمەن»، دېگەن. بىراق ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى دۆلىتىمىز تورداشلارنىڭ كۆڭلىنى «ئېلەشتۈردى». چۈنكى تورداشلارنىڭ ھەممىسى ھەيران قالغىنىچە: «سىز كىمۇ، بىز راستتىنلا تونۇمايدىكەنمىز»، دېيىشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئادىل 09986 كۈن ئىلگىرى

    كوريلىك خوتۇنلا ھۆسىن تۈزىتىدىغان تۇسا قېرى كۆرنەمتى

  • رىزۋانگۈل6 كۈن ئىلگىرى

    ئانچە چوڭ كۇرۇنمەيدكەن بۇ خۇتۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号