باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13938يوللانما
1423مەستانە

سىزنى «رەڭ قارىغۇسى» قىلىدىغان بۇ ئويۇننى ئويناشقا جۈرئىتىڭىز بارمۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 18:00 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرى كۆرۈش قۇۋۋىتىگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان بىر قانچە سىزىقلىق سۈرەتنى تارقاتتى. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىچە، ئەگەر بۇ سىزىقچىلارغا تىكىلىپ قارىغاندا، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، رەڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ ھەتتا بىر قانچە ئاي داۋاملىشىشى مۇمكىنكەن. ئۇنداقتا، سىزنىڭ بۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىدىغانغا جۈرئىتىڭىز بارمۇ-يوق؟

كۆرۈشتىكى خاتا تۇيغۇنى شەكىللەندۈرۈشتىكى سەۋەب ئاساسلىقى «McCollough ئېففىكتى»دىن باشلانغان، ئەگەر سۈرەتتىكى رەڭلىك سىزىقچىلارغا بىر قانچە مىنۇت تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنداقتا، مۇنۇ رەڭسىز سۈرەتكە قارىغىنىڭىزدا، كۆزىڭىز خاتا ھالدا رەڭسىز سىزىقچىلارنى رەڭلىك كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ ھادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىز تىنچ ئولتۇرۇپ، رەڭلىك سۈرەتكە ئۈچ مىنۇتتەك قارىشىڭىز كېرەك.

قانداق، تەجرىبىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، رەڭسىز سىزىقچىلار رەڭلىك كۆرۈنەمدىكەن؟ بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن، بۇ خىل ئۈنۈم ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت رەڭلىك سىزىقچىلارغا قارىغاندىن كېيىن، ھەتتا كەم دېگەندىمۇ ئۈچ ئايغىچە قارا ۋە ئاق رەڭنى قىزىل ۋە يېشىل رەڭ دەپ بىلىپ، كېسەللىك ئاسارىتى ساقلىنىپ قالىدۇ. 

ئەگەر ئەسلى سۈرەتنى سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە 90 گىرادۇس ئايلاندۇرسىڭىز، ئۇنداقتا ئەكسچە ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز. ئۇنداقتا، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟

سەمىمىي ئەسكەرتىش، كۆپچىلىكنىڭ ئۇزاق تىكىلىپ قارىشىنى قەتئىي تەۋسىيە قىلمايمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ~ * WEI ~ *3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ ھىچ نىمە بولمىدى بىكا گەپمۇ بۇ

  • sawirqan3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ مىڭەم ساق قىلچە پايدىسى بولمىغان بۇنداق ئىشلانى زادىلا سىنىغىم يوق

  • كونۇپكا پالۋىنى:ھالاكەت ئارخىپى3 ئاي ئىلگىرى

    مەن مۇنداق ساراڭلىقنى ھەرگىز سىنىمايمەن……
    ئوننەچچە سېكۇنت قارا-قارىمايلا كۆڭلۈم ئېلىشىپ ھۆ
    تۇتۇپ كەتتى ……

  • Sansiz一夜3 ئاي ئىلگىرى

    مەن ھىچنىمە بولمۇدۇمغۇ بەش مىنۇتتىن ئۇزاق قاردىم بولمىسا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号