باش بەت

زۇلخۇمار ئابدۇمىجىت

156يوللانما
34مەستانە

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سەككىز سىرى

مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 13:20 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاۋسترالىيەدىكى «دىئالوگ» تور بېكىتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «كۆك رايون» دۇنيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر چولپانلىرى توپلاشقان جاي (ئىتالىيەنىڭ بالىبالىيە، ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا، گرېتسىيەنىڭ ئىكارىيە ئارىلى)لارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جايلاردا 80، 90 ياشلىق، 90 ياكى 100 ياشتىن، ھەتتا 110 ياشتىن ئاشقانلار ئۇچراپ تۇرىدۇ؛ ئۇنداقتا بۇنداق«كۆك رايون»لاردا قانداق مەخپىيەتلىك بار؟ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى «كۆك رايون»لاردا تەكشۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، بۇ سوئالنىڭ مۇنداق سەككىز خىل جاۋابىنى تاپتى:

1. كۈچلۈك ھەم كۆپ خىل جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن كۈندىلىك ۋەزىپىنى تاماملاش، ئۇزاق ئولتۇرىدىغان تۇرمۇش ئادىتىگە يول قويماسلىق.

2. مەۋجۇتلۇقنىڭ قىممىتىنى تېپىش، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا كۈندە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى تېپىش.

3. بېسىمىمنى يېنىكلىتىش، چۈنكى بۇ ئامال ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق كېسەللىكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بېسىمنى يېنىكلىتىش نورمال تۇرمۇش رېتىمىنى بۇزۇپ، باشقا پائالىيەتلەرگە ۋاقىت ئاجرىتىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: چۈشتە ئازراق ئۇخلىۋېلىش ياكى چاي ئىچكەچ ئارام ئېلىش.

4. قورساقنى %80 ئەتراپىدا تويغۇزۇش، ئەمەلىيەتتە بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى كۈتۈنۈش قارىشىمىز، بۇنىڭ مەنىسى تاماقنى تويغىچە يېمەسلىك، يەنە قورساقنىڭ %80 ئەتراپىدا تويغۇزۇش.

5. ئۆسۈملۈكلەرنى ئاساس قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش، گۆش، بېلىق، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى مۇۋاپىق يېيىش، لېكىن مىقدارى ئاز بولۇش.

6. مۇۋاپىق مىقداردا ھاراق ئىچىش، چۈنكى ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

7. ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق ئىجتىمائىي كوللېكتىپقا قاتنىشىش.

8. ئاتا-ئانا، ئىنى-سىڭىل ۋە بوۋا-مومىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش.


ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号