باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
156مەستانە

ھىندىستانلىق مالاي جازالىنىپ ئىت بىلەن بىر ئايدىن كۆپرەك بىللە تۇردى

مەنبە:گۇاڭمىڭ تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 12:41 2 ئىنكاس چۈشتى

گۇاڭمىڭ تورى 12-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مالايسىيادىكى بىر ھىندىستانلىق مالاي غوجايىنىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغانلىقتىن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا ئىت بىلەن بىر ئايدىن كۆپرەك بىللە يېتىپ-قوپتى. ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىدىمۇ تاتۇق بار بولۇپ، ئىلگىرى تاياق يېگەنلىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بىر پارلامېنت ئەزاسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلدى، ساقچىلار ئۆي ئىگىسىنى ئېلىپ كېتىپ تەكشۈردى.

بۇ ئىش مالايسىيانىڭ پېرمائى بازىرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، خارلانغىنى ھىندىستانلىق 21 ياشلىق قىز ئىدى. قوشنىلار ئۇنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا ئىت بىلەن بىر مەزگىل بىللە تۇرغانلىقىنى، غوجايىنىنىڭ بەزىدە ئۇنى ۋارقىراپ تىللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. سۈرەتتىن بۇ مالاينىڭ بورا ئۈستىدە لۆڭگە يېپىنىپ ياتقانلىقى، يېنىدا بىر ئىت ئۇخلاۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

بىر دۆلەتلىك پارلامېنت ئەزاسى ياردەمچىسى ۋە شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بۇ ھىندىستانلىق قىزنى ئىزدەپ پاراڭلاشماقچى بولدى. بىراق، قارشى تەرەپ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى. شۇنىڭ بىلەن پارلامېنت ئەزاسى ئۇنىڭ ھىندىستانلىق 60 ياشلىق ئايال غوجايىنى بىلەن كۆرۈشۈپ مالىيىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈشنى ئېيتقاندا رەت قىلىندى، يەنە تېخى ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشقانلىقى ئەيىبلەندى.

پارلامېنت ئەزاسى: «ئايال غوجايىن كېيىن ماڭا قىزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بەردى، قىزى مالىيىنى خارلىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى ھەم كەچ سائەت 9-8لەردە ئۆيىگە قايتىپ بىز بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، ئۇ كەچ سائەت 6لەردە ئۆيىگە قايتىپ مالاي قىزنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كىردى ھەم خارلىمىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى، پەقەت 2-1 قېتىم ئەدەبلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى» دېدى. پارلامېنت ئەزاسى ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ساقچىلار ئۆي ئىگىسىدىن ئايال مالاينى ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ھىندىستانلىق ئاكا-سىڭىلنى تەكشۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئلتەبىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    تەھرېرلە باشقا تەرجىملەنى شۇنداق ياخشى تەرجىمە قىلاتتڭلا ما مالاي دېگەن گەپنى ئەجەپ بر تەرجىمە قپ قۇيۇپسىلە يا خزمەتكار دىسەكمۇ بۈلدىغۇ ئەجەپ كۇڭلى بر خل بۈپ قالدېكەن ئككلسى ئادەم تۇرۇپ برسنى قانداق مۇشۇنداق رەزل جازالا بىلەن جازالغۇسى كلدىغاندۇ

  • گەردى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇ غوجايىننىڭمۇ ئويلىغىنى توغرا بوپتۇ، نىمىشقا دىسەڭلا ئۇ غوجايىن مالايغا: مەندەك ئادەم قىلىپىدىن چىققان مەخلوق بىلەن بىللە تۇرغاندىن مىنىڭدىن ۋاپادار ئىت بىلەن تۇرغىن دەپتۇ، مىنىڭچىمۇ ئۇنىڭ يىنىدا تۇرغاندىن ئاشۇ ئىتنىڭ يىنىدا ياتقىنى سەل «مۇۋاپىق بوپتۇ » دەپ ئويلىدىم،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号