باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

12194يوللانما
1175مەستانە

ئەنگلىيەدىكى 19 ئايلىق بولغان بالا دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك سەكتە بىمارىغا ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 13:48 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيەدە ئوماق ھەم شوخ بىر جۈپ قوشكېزەك بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە كۈندە قوشكېزەكلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنىسى روننىڭ بارغانسېرى يىغلاڭغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. دەسلەپتە، ئۇلار بالىغا چىش چىقىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ قارىدى. تاكى 2-فېۋرال روننىڭ پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ ھەرىكەت قىلالماس بولغاندا، دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ نېرۋا تالا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدى. بۇ ئۇنىڭ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك سەكتە بىمارى بولۇشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.

بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن روننىڭ دادىسى فېل كېرماننىڭ دېيىشىچە، روننىڭ قوشكېزەك ئاكىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، گەرچە ئۇلار تېخى يول مېڭىشنى ئۆگەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆمىلىيەلەيدىكەن، يەنە تېخى كارىۋاتنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرالايدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ھۇجرىسغا كىرىپ روننى قۇچاقلىغاندا، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ بوشىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆمىلىيەلىمىگەنلىكىنى بايقاپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.

دوختۇرلار روننى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ مېڭىسىدە خالتىلىق ئىششىق ۋە ئۆسمە بارلىقىنى بايقاپ، نېرۋا تالاسى ئۆسمىسى دەپ دىياگنوز قويغان.

دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، روننىڭ سەكتىگە گىرىپتار بولۇشى دەل مۇشۇ نېرۋا تالاسى ئۆسمىسى سەۋەبلىككەن. ھازىر رون بۇ دوختۇرخانىدا بىر ھەپتىدىن ئارتۇق تۇردى. 19-فېۋرال قىسمەن ئۆسمىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى شۇنداقلا خىمىيەلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىدۇ.

فېل كېرمان: بىز ئۆزىمىزنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىمىز، چۈنكى رون ئاكىسىغا قارىغاندا يىغلاڭغۇ بولۇپ كەتكەندە، ئۇنىڭغا چىش چىقىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپتىكەنمىز. ھېلىمۇ ياخشى، مەن دەرھال سەكتە ئالامەتلىرىنى بايقىدىم، دېدى. فېل يەنە جاھاندىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارغا بالىلىرىنىڭ ھەربىر ئۆزگىرىشىگە سەل قارىماسلىقىنى ئەسكەرتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号