باش بەت

zefer

1072يوللانما
56مەستانە

نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشىلەر يەنىلا iPhoneغا قىيالمايدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 13:17 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئالمىنىڭ تۆتىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئالمىنىڭ تىجارەت كىرىمى يەنىلا iPhoneنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدىكەن. گەرچە ئالمىنىڭ مۇلازىمەت كەسپى 2018-يىللىق بىرىنچى پەسىلدە ئاشقان بولسىمۇ، كۇكمۇ مۇلازىمەت كەسپىىنىڭ تىجارەت كىرىمىنىڭ 2020-يىلى قاتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە iPhoneنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئاساسلىق ئورنىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. 

بۇنىڭ ئىچىدە ئالما ياكى كۇك يۈزلىنىشكە تېگىشلىك مەسىلىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ iPhoneغا تۇتقان پوزىتسىيەسى دەسلەپكى ئەسەبىيلەرچە مەستانە بولۇشتىن، بۈگۈنكى ئەنسىرەشكە ئۆزگەردى، بۇ خىل ئۆزگىرىش بىردەمدىلا پەيدا بولغان ئەمەس، بۇنى يېقىنقى ئىككى يىلدا iPhoneدا كۆرۈلگەن سۈپەت، باھا قاتارلىق مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان، قانداقلا بولمىسۇن، ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ سېتىۋالغان يانفوندىن ئويلىمىغان كاشىلا كۆرۈلۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

بىراق تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، IDCنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، iPhoneنىڭ دۆلىتىمىز ئالىي سەپلىمىلىك يانفون بازىرىدىكى رىقابەت كۈچى ئەينى يىلىدىكىدىن قېلىشمايدىكەن، ھەتتا iPhoneXنىڭ 2017-يىلى تۆتىنچى پەسىلدىكى دۆلىتىمىز بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۇك ئىلگىرى ئالمىنىڭ يېڭى iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئاساسلىق ئۈچ سەۋەبى بار: ئالما شىركىتىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى، ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات مەنتىقىسى ۋە مۇلازىمىتى كەسپى تىجارەت كىرىمى سالمىقىنىڭ ئېشىشى. 

ئەگەر ئابۇنىتلار نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئويلىساق، ئەمەلىيەتتە كۇكنىڭ سۆزى ئاساسسىز ئەمەس. باشقىچە ئېيتقاندا، گەرچە iPhone كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر iPhoneغا قىيالمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچىدىن، ئالىي سەپلىمىلىك يانفونلار ئىچىدە iPhoneنىڭ رەقىبلىرى كۆپ ئەمەس، ئۈستۈنلىكى كۆرۈنەرلىك. دۇنيا يانفون بازىرىدا پەقەت سامسۇڭلا ئالما iPhone بىلەن ئۆزۈڭگە سوقاشتۇرالايدۇ، بولۇپمۇ ئالىي سەپلىمىلىك يانفون جەھەتتە، دۆلىتىمىز يانفون شىركەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، پەقەت خۇاۋېيلا سېلىشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. شۇڭا ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق، ئالىي يانفونلار ئىچىدە iPhoneنىڭ رەقىبلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە سامسۇڭمۇ ۋاقتىنچە iPhoneغا رەقىپ بولالمايدۇ. 

ئۇنداقتا، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس: ئىستېمالچىلار ئالىي سەپلىمىلىك يانفون سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن iPhoneنى ئويلىشىدۇ. 

ئىككىنچىدىن، ئىستېمالچىلارنىڭ روھىي ھالىتى ئۆزگىرىپ، ئەسەبىيلەرچە مەستانە بولۇشتىن پەسكويغا چۈشتى. ئەمەلىيەتتە، iPhoneنىڭ ئىستېمالچىلارنى ئەسەبىيلەرچە مەستانە قىلىشتىن تەشۋىشلەندۈرۈشۈشكىچە بولغان جەريان يەنە بىرخىل روھىي ھالىتى ئۆزگىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى بۇرۇن يېڭى يانفون سېتىۋالغانلار ئەسلىنى ئۇنۇتقان ھالدا بىرنەچچە كۈن يېڭى يانفون بىلەن بولۇپ كېتەتتى، لېكىن ھازىر يېڭى يانفون سېتىۋېلىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى، كىشىلەر يېڭى يانفونغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ. 

شۇڭا بۇ خىل روھىي ھالەت ئۆزگىرىشىدە iPhone بەلگىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە: ئابۇنىتلار ئادەتلىنىپ قالغاچقا، يانفون ئالماشتۇرغاندا يەنىلا داۋاملىق iPhone ئىشلىتىدۇ، بۇ سېتىلىش مىقدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

ئۈچىنچىدىن، iPhoneنىڭ خاسلىقى يەنىلا مەۋجۇت. جوبىس دەۋرىدە iPhone پۇلدارلارنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان ھەم تەرەققىي قىلىپ ۋايىغا يەتكەن ئىدى، كېيىن iPhoneنى ئىشلىتىدىغانلار تەدرىجىي كۆپىيىپ، پۇلدارلارنىڭ بەلگىسى بولۇش خاسلىقىنى يوقاتتى. لېكىن كۇك دەۋرىدە iPhoneXنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خاسلىق قايتىدىن ئويغىتىلدى، شۇڭا بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە iPhone يەنىلا مەلۇم سالاھىيەتنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سامسۇڭ ھەۋاسكارى4 كۈن ئىلگىرى

    مېنىڭچە يانچۇقتا پۇل كۆپ بولسا سامسۇڭنى تەۋسىيە قىلىمەن ئاز بولسا شىياۋمى نى تەۋسىيە قىلىمەن ھەرگىز ئوپپو ۋىۋو دىگەنلەر نى تەۋسىيە قىممايمەن چۈنكە ئۇ بىر قويمىچى تىلفۇن ئوپپو ۋىۋو دىگەنلەر

  • ئالما4 كۈن ئىلگىرى

    ئالمادىگەن چىرايلىق پۇلىسى باغىمۇ يارشىدۇ يۇققىمۇ يارشىدۇ بۇرەكنى ياخشىلاي دۇ

  • كۇۈز پەسلى5 كۈن ئىلگىرى

    مەن دىمۇ بىر باتى ئالما 7 لىكىن ئەيدى چۇشۇپ قالدى ئامال بارمۇ دۇ ياردەم قىلىپ قويغان بۆل ساڭلار

  • مۇز5 كۈن ئىلگىرى

    پۇلسى بارلارغا ئالما پۇلسى يۇقلارغا چالما بۇ تىلفۇن

  • DON...........5 كۈن ئىلگىرى

    بىرتوپ ساراڭلا..،،،،،،،،

  • بۇلا ئەمدى5 كۈن ئىلگىرى

    يانجۇقتا پۇل كۆپرەك بولسا يەنىلا ياخشى قىممەتنى سېتىۋېلىش كىرەك ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号