باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

12194يوللانما
1175مەستانە

ئەنگلىيەدە كىشىلەر شاھزادە ۋىليامنىڭ 3-بالىسىنىڭ جىنسى ۋە ئىسمىنى پەرەز قىلىشتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 13:42 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يەنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، كېنەز خانىمى كەيت بىلەن شاھزادە ۋىليامنىڭ ئۈچىنچى بالىسى دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ، بۇ بالىنىڭ جىنسى ۋە ئىسمى توغرىسىدا كىشىلەر تۈرلۈك پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەنگلىيەدىكى Gaming companies شىركىتى ئالاھىدە قىزغىن بولدى.

تېخىمۇ كۆپ ئېھتىماللىق ئۇچۇرلىرىنى قېزىش ئۈچۈن، كىشىلەر ھەتتا كېنەز خانىم كەيتنىڭ پائالىيەتكە قاتناشقاندىكى كىيىم رەڭگى بىلەن بۇنى پەرەز قىلىشقا باشلىدى. ئەنگلىيە Gaming companiesنىڭ «تىمسىقى» پەددىي پوۋېر كەيتنىڭ مەلىكىگە ھامىلدار بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.

پات ئارىدا كۆز ئاچىدىغان بالىنىڭ ئىسمىگە قارىتا «مارىي» دېگەن ئىسىمگە ئەڭ كۆپ بېلەت تاشلانغان بولۇپ، ئەگەر ئوغۇل بولسا، ئالبېرت دېگەن ئىسىم ئەڭ يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن.

ئەنگلىيە خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ ئىسمى ئادەتتە مۇرەككەپ، گىرەلىشىپ كەتكەن ئەجدادلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئاساسى مەقسەت قىلىنغاچقا، مەلىكە شارلوتنىڭ ئىسمىنىلا ئالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى «شارلوت ئېلزابىت دىياننا» ئۇلۇغ مومىسى، ئايال پادىشاھ ئېلزابىت II ۋە مومىسى دىياننانىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «شارلوت» ئۇلۇغ بوۋىسى «چارلېز» ئىسمى بىلەن بىر يىلتىزدىن بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمۇ ئىپادىلەنگەن.

ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ ئاشكارىلىغان مەلىكە ياكى شاھزادىلەرنىڭ ئىسمىدە فامىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئۇلارنىڭ فامىلىسى «مونتباتتېن ۋىندسور». شاھزادە جورج تۇغۇلغاندا قويۇلغان ئىسىم جورج ئالېكساندىر لۇيىس بولۇپ، ئىسمىنىڭ ئۈچ قىسمى ئايرىم-ئايرىم جورج VI، ئايال پادىشاھ ۋە دادىسى ۋىليامغا بولغان ھۆرمىتى ئىپادىلەنگەن.

ئەگەر كەيت مەلىكە يەڭگىسە ھەمدە ئۇنىڭغا مارىي دېگەن ئىسىم قويۇلسا، ئۇنداقتا، بۇ ئىسىمدە ئايال پادىشاھ ۋە جورج Vنىڭ خانىمى خانىش مارىيغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەنلىك بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号